سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
نېفىت باھاسى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن تۆۋەنلىمەكتە
نېفىت باھاسى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ۋە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىكى نامەلۇم ئەھۋاللار سەۋەبىدىن تۆۋەنلىمەكتە.
نېفىت باھاسى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن تۆۋەنلىمەكتە
نېفىت باھاسى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن تۆۋەنلىمەكتە / Reuters
12 سائەت بۇرۇن

دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى، ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان «ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ھۇجۇملىرىنى كېچىكتۈردى» دېگەن باياناتى ۋە مۇزاكىرىلەرگە ئالاقىدار زىددىيەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆرسەتكەن ئىنكاسى سەۋەبىدىن تۆۋەنلىدى.

نېفىت باھاسى جۈمە كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۈچۈن بەرگەن مۆھلىتىنى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈشىدىن كېيىن چۈشۈپ كەتتى؛ لېكىن ئاقسارايدىن كەلگەن زىددىيەتلىك ئۇچۇرلاردىن كېيىن، كۆپلىگەن پاي چەكلىرىمۇ تۆۋەنلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ شەنبە كۈنى، ئەگەر ھالقىلىق بوغۇز 48 سائەت ئىچىدە ئېچىلمىسا ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىجابىي تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ مۆھلەتنى بەش كۈن ئارقىغا سۈرگەن ئىدى؛ تېھران بولسا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈنلەرچە داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىدىن ۋە كۆپ ماددىلىق تەلەپلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزاكىرىلەرگە دائىر ئارىلاش خەۋەرلەردىن كېيىن، ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تېھراننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھۇجۇملارنىڭ 6-ئاپرېلغىچە توختىتىلىدىغانلىقىنى» ئۇقتۇردى.

بىراق ترامپنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى، Wall Street Journal گېزىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ، پېنتاگوننىڭ ئوتتۇرا شەرقكە 10 مىڭغىچە قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سۆھبەت داۋاملىشىۋاتىدۇ، ساختا خەۋەر مەتبۇئاتلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئەكسىچە دەۋا قىلغان خاتا باياناتلىرىغا قارىماي، ئىشلار ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ» دېدى.

ترامپ ئىراننىڭ ئامېرىكانىڭ تىنچلىق پىلانىغا تۇتقان سوغۇق پوزىتسىيەسىگە ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىغا قارىماي، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىنتىزار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلغان ئىدى.

ترامپ كېيىنرەك بىر كابىنېت يىغىنىدا، ئىراننىڭ سۆھبەتتە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دۇنيا نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى ئۆتىدىغان ھورمۇز بوغۇزىدىن 10 نېفىت توشۇش پاراخوتىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى، دۆلەتنىڭ ۋاشىنگتون ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇنغان 15 ماددىلىق پىلانغا بەرگەن جاۋابىنىڭ «تۈنۈگۈن كېچە مۇرەسسەچىلەر ۋاسىتىسى بىلەن رەسمىي ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە قارشى تەرەپنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ئەمەلدار مەنبە كۆرسىتىلگەن خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ۋە رايوندىكى باشقا تېھران قوللايدىغان گۇرۇھلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە ئۇرۇش تۆلىمى تۆلەش ۋە ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزى ئۈستىدىكى «ئىگىلىك ھوقۇقى» غا ھۆرمەت قىلىش چاقىرىقىمۇ ئورۇن ئالدى.

«نەپەسلىنىش بوشلۇقى»

توقۇنۇشنىڭ ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىغا بولغان ئەنسىرەشلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، جۈمە كۈنى نېفىت باھاسى بىر پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى؛ ئەمما بۇ ئەھۋال ئالدىنقى كۈندىكى ئۆرلەشنىڭ ئورنىنى قىسمەن تولۇقلىيالىدى.

برېنت نېفىتى ئۇرۇش باشلانغان 28-فېۋرالدىن بۇيان تەخمىنەن % 50 ئۆرلىگەن بولسا، غەربىي تېكساس تىپىدىكى (WTI) نېفىت تەخمىنەن % 40 ئۆرلىدى.

پاي چېكى بازارلىرى Wall Street تىكى ئېغىر زىياندىن كېيىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ئەڭ ياخشى نەتىجە كۆرسەتكەن توكيو ۋە سېئۇل ئەڭ كۆپ زىيان تارتقانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى؛ خوڭكوڭ، سىدنېي، ۋېللىنگتون، تەيۋەن، جاكارتا ۋە مانىلا بازارلىرىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. شاڭخەي بىلەن سىنگاپور بازارلىرىدا بولسا تەۋرىنىش كۆرۈلدى.

مەبلەغ سالغۇچىلار، ترامپنىڭ تەھدىت ۋە تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئارىسىدا پات-پات ئۆزگىرىپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاقساراي ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇمان بىلەن قارىماقتا.

SPI Asset Management تىن ستېفېن ئىننېس بىر مەبلەغ سالغۇچى ئانالىز پىرىنسىپىنى تىلغا ئېلىپ: «ئون كۈنلۈك مۆھلەتنى ئۇزارتىش خۇددى بىر نەپەسلىنىش بوشلۇقىدەك ئاڭلىنىدۇ؛ لېكىن بازار نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر سودىگەرنىڭ ئالدىنقى پۇرسەت بېرەلمىگەننى كېيىنكىسى بېرىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ، زىيان تارتىۋاتقان مەيدانىنى ئالدىغا سۆرەۋاتقانلىقىغا ئوخشايدۇ» دېدى.

«ۋاقىت سېتىۋېلىندى، ئەمما ئېنىقلىق سېتىۋېلىنمىدى. بازار بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى بىلىدۇ.»

 National Australia Bank تىن رەي ئاترىل مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان-بېرىلمەيۋاتقانلىقى تالاش-تارتىشلىق؛ ئىران دوستلۇق مۇرەسسەچىسى (پاكىستان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ) ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان خەت-ئالاقىلەرنىڭ <سۆھبەت> ھېسابلانمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، دېموكراتلار ترامپنى «يالغانچى» دەپ ئەيىبلىدى
ئىران: ترامپنىڭ ھۇجۇمنى توختىتىش سىگنالىغا قارىماي، تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىندى
پاكىستان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق ۋاسىتىچى بولماقتا
ماركۋېين مۇللىن ئامېرىكانىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى
ترامپ ئىراننىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنى كېچىكتۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران نېفىت ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى زەھەرلىك ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى
كولومبىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئاز دېگەندە 66 كىشى قازا قىلدى. ئونلىغان كىشى يارىلاندى
ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى «ئىشغالىيىتى» گە قارىتا ئاگاھلاندۇردى
تېكساستىكى ۋالېرو نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى
تەكشۈرۈش دوكلاتى: غەززە قىرغىنچىلىقى جەريانىدا 100 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتتىن چىقىپ كەتتى
غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە 57 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
لىۋان تاراتقۇلىرى: ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە رايوننى كېچىچە ئوققا تۇتتى
ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ پىلانلانغاندىن ئۇزۇنراق داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
بازارلاردا كۈچلۈك داۋالغۇش:ترامپنىڭ ئىرانغا بەرگەن 48 سائەتلىك مۆھلىتىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
فاتىھ بىرول: ھورمۇز بوغۇزى كىرىزىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئۈچۈن «زور تەھدىت» شەكىللەندۈرمەكتە