سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتار سوۋغا قىلغان يېڭى «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇر» (Air Force One) ئايروپىلانىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئايروپىلان» دېدى.
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ترامپ يېڭى ئايروپىلاننىڭ 4-ئىيۇلدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 250 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. رويتېرس. / Reuters

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مەرىلاند ئىشىتاتىدىكى ئاندىرىيۇس بىرلەشمە بازىسىدا (Joint Base Andrews) تاپشۇرۇپ بېرىلىش ئالدىدىكى «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇر»  ئەترىتىگە قوشۇلىدىغان «بويىن 747» ئايروپىلانىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئۇ جۈمە (2026-يىلى 19-ئىيۇن) كۈنى بازىدىكى مەيدانغا يىغىلغان ئاممىغا: «بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئايروپىلان پۈتكەندە بەلكىم قايتا كۆرۈلمەيدىغان سەۋىيەدە ياسالغانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

ئۆتكەن يىلى (2025) قاتار تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنغان بۇ غايەت زور ئايروپىلاننى مۇداپىئە ھۆددىگەرلىك شىركىتى «L3Harris Technologies» قايتىدىن رېمونت قىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇچۇش سىناقلىرى ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە ترامپ ئۆزى تاللىغان قىزىل، ئاق، توق كۆك ۋە ئالتۇن رەڭلەر بىلەن بويالغان. بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇر»  دا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان سىمۋوللۇق لايىھەدىن ۋاز كېچىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ترامپ بۇ يېڭىلاشنىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ زامانىۋى ئايروپىلانلىرى بىلەن تەڭ سەۋىيەدە تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بۇ دۆلەتلەر بىزگە بەك ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇلاردا يېڭى ۋە ياخشى ئايروپىلانلار بار. بۇ سەل كۈلكىلىك ئەھۋال» دېدى.

ترامپ «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇر» ئەترىتىدىكى باشقا ئايروپىلانلارنىڭمۇ يېڭى لايىھەدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئايروپىلاننى ئۆزگەرتىشكە تۆھپە قوشقان ئىشچىلارنىڭ ماھارىتىنى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە تىرىشچانلىقى بىلەن، بۇ ئايروپىلان ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان ھەشەمەت سەۋىيەسىدىكى ئۇچار ئاقسارايغا ئايلاندۇرۇلدى.»

ترامپنىڭ ئايروپىلان ئەترىتىگە قوشۇلغان بۇ ئايروپىلان پىرېزىدېنت، ياردەمچىلىرى، بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ ساياھىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زامانىۋى ۋە ھەشەمەتلىك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يېڭىلاشنىڭ چىقىمى ئاشكارىلانمىدى، خىزمەتلەرنىڭ بەك تېز ئىشلىنىشى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئايروپىلاننىڭ ھازىرقى «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇر»  ئايروپىلانلىرىدەك بىخەتەر بولماسلىقىدىن ئەنسىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تېزلىكتە تاپشۇرۇپ بېرىش تىرىشچانلىقى كېيىنكى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت ئايروپىلانى ئۈچۈن پىلانلانغان بەزى ئۆزگەرتىشلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئارىلىقتىكى يېڭى نۇسخىنىڭ بالدۇرراق تاپشۇرۇپ بېرىلىشىگە شارائىت ياراتتى. شۇنداقتىمۇ دائىرىلەر ئايروپىلاننىڭ پىرېزىدېنتلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھاۋا ئارمىيە قوماندانى تروي مېينك (Troy Meink) جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا: «باش قومانداننىڭ بىخەتەرلىكى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز. بىز باشتىن تارتىپلا، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن كۈتۈلىدىغان يۇقىرى ئۆلچەملەردە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئايروپىلاننى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەر بىر تەلەپنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلىدۇق» دېدى.

4-ئىيۇل ۋاشىنگتون ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش

پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ئايروپىلان ھەققىدە توختىلىپ، دۆلەت بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 4-ئىيۇل مۇراسىمىدا «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا پاراتى» غا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «پارات نۇرغۇنلىغان ئايروپىلانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپىنىڭ ئالدىدا بولىدۇ» دېدى.

ئۇ پەيشەنبە (18-ئىيۇن) كۈنى ئەتىگەندە ياۋروپادىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىغا ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان «بويىن 747-200» ئايروپىلانى بىلەن قايتىپ كەلدى.

ئۇ، بۇ ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇشى ئىكەنلىكىنى، ئايروپىلاننىڭ ئاخىرىدا بىر مۇزېيغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى ئايروپىلاننى قايتىدىن جابدۇش، بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى، مەخپىي ئاڭلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئالاقە سىستېمىلىرى  ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

قاتار سوۋغا قىلغان بۇ ئايروپىلان، بويىن شىركىتى 2018-يىلى ئىمزالانغان 3.9 مىليارد دوللارلىق مۇقىم باھالىق توختام دائىرىسىدە ئالاھىدە ياسالغان.

بويىن پىلانىدىكى چىقىم 5 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى، شىركەت بۇ تۈردىن كېلىپ چىققان 2.4 مىليارد دوللارلىق زىياننى كىرىمىدىن چىقىرىۋەتتى.

يېڭى رەڭ لايىھەسى پىرېزىدېنت جون كېننېدى (John F. Kennedy) دەۋرىدىن بېرى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ئاق ۋە ئىككى خىل كۆك رەڭلىك لايىھەگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

ھاۋا ئارمىيەسى ترامپ ئىلگىرى چىڭ تۇرۇۋالغان، ئەمما كېيىن توق رەڭلەرنىڭ ئايروپىلاننىڭ قىزىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى سەۋەبلىك 2022-يىلى ۋاز كەچكەن قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭلەرنىڭ بەزى ئامىللىرىنى قايتىدىن جانلاندۇردى.

VC-25B (بويىن 747-8 نىڭ ھەربىي نامى) ئايروپىلانى، شۇنداقلا پىرېزىدېنت ياردەمچىسى، كابىنېت ئەزالىرى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆت دانە ئۆزگەرتىلگەن «بويىن 757-200» ئايروپىلانىمۇ يېڭى قىزىل، ئاق، توق كۆك ۋە ئالتۇن رەڭلەردە بويىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان پەيتلەردە، رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنىڭ ئىشەنچ خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى
لوس ئانجېلېستا دۇنيا لوڭقىسى ھاياجانى: «Turkish Vibe Zone» زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
ئەردوغان ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خۇئېرتاسنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەنەر رىم پاترىكى بارتولومېئوسنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
سۈنئىي ئەقىل ئالدامچىلىقى ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا 442 مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى
كونياغا ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك
ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن 780 مىليون ياۋرولۇق كېلىشىم
«ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى لىۋاندىكى ئۇرۇشنىڭ توختىشىدۇر»
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى
ئامېرىكا: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ھورمۇز بوغۇزى ھەقسىز ئۆتۈشكە ئېچىۋېتىلدى
تۈركىيە فەتۆ قاچقۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى