غەززە ساقچى ئىدارىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئامانلىق كۈچلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەۋج ؛ادۇرغان بىر پەيتتە، غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر پەلەستىن ساقچى پونكىتىنى نىشانلىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە بەش ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
غەززە باش ساقچى ئىدارىسى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەۋۋام رايونىدىكى بىر ساقچى نۇقتىسىنىڭ ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەززە شەھىرىدىكى شىفا دوختۇرخانىسى: «تەۋۋام رايونىدىكى بىر ساقچى نۇقتىسىغا قىلىنغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھەممىسى ساقچى خادىمى بولۈپ جەمئىي بەش شېھىتنىڭ جەسىتى ۋە بىرىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغان نۇرغۇن يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ساقچى خادىملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپپارات قۇرۇلمىلىرىنى كۆپ قېتىم قەستەن نىشانلىغان بولۇپ، پەلەستىنلىك مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ناچار قىلمىشنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە مەسئۇل ئورگانلارنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ۋە ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
2025-يىلى ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن ئۆتكەن ئايلاردىمۇ ھۇجۇملار توختاپ قالمىدى. ساقچى ئاپتوموبىلى، كونترول نۇقتىلىرى ۋە چارلاش قىسىملىرى ئارقىمۇ ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈركۈم ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئۆتكەن ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇملىرىدا 880 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 مىڭ 645 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
رايوندىكى پەلەستىنلىك مەسئۇللار، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان قىرغىنچىلىقتىن بۇيان كەم دېگەندە 2 مىڭ 800 ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ساقچىلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ بولسا، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي داۋاملىشىۋاتقان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم ئەندىزىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇرۇش توختىتىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىگە قارىماي، 770 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى رۇيخەتكە ئېلىندى.
پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس، ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ئامانلىق ۋە مۇقىملىقنى تەمىنلەشكە تىرىشىۋاتقان ساقچىلارنى مەقسەتلىك ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ھاماس بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىي جىنايەتلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ھەمدە پۇقراۋى ساقچى كۈچلىرىنى نىشانلاش ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



















