تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسى، چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىشقا قارشى چوڭ ھەرىكەت ئېلىپ باردى. تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سۇرىيەدە، سۇرىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بارغان قوشما ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى (كۆك كىتابچە) بىلەن ئىزدىلىۋاتقان 10 نەپەر دائېش ئەزاسى قولغا ئېلىنىپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسى، چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سۇرىيە زېمىنىدا سۇرىيە ئىستىخبارات ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، خەلقئارالىق قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن ئىزدىلىۋاتقان 10 تېررورچى قولغا چۈشكەن. تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ساقچى باش ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، قولغا چۈشكەن 10 تېررورچىنىڭ 9 ى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە ئەۋەتىلگەن، بىرىنىڭ بولسا نازارەت مۇددىتى ئۇزارتىلغان.
تۇتۇلغانلاردىن بىرسى ئەنقەرە بېكىتى ھۇجۇمىغا چېتىشلىق بولۇپ چىقتى
تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، تۈركىيەدىن سۇرىيەگە ئۆتۈپ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قوشۇلغان تۈركىيە پۇقراسى شەخسلەر ئېنىقلاپ چىقىلغان. ئىستىخبارات تەكشۈرۈشلىرى بۇ شەخسلەرنىڭ دائېشقا قوراللىق ئاكتىپ خىزمەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر شەخسلەرنىڭ ئۆتمۈشتە تۈركىيە ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە ئورۇن ئالغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن. قولغا چۈشكەن 10 تېررورچىنىڭ بىرى، ئىلگىرى 109 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان «ئەنقەرە بېكىتى قىرغىنچىلىقى» نى سادىر قىلغۇچىلار بىلەن رەسمىي چېتىشلىق بولۇپ چىققان.
سۇرىيەدە چېگرا سىرتى ھەرىكىتى
تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسى دائېش ئەزاسى بولغان 10 شەخسنىڭ سۇرىيە تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەندىن كېيىن، سۇرىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن رەسمىي ئالاقە قۇرغان. قۇرۇلغان ماسلىشىش مۇساپىسى بىلەن نەق مەيداندا ئەمەلىي خىزمەتلەر باشلانغان. ئېلىپ بېرىلغان ئىز قوغلاشلار نەتىجىسىدە گۇماندارلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرى ئېنىقلىنىپ، تېررورچىلارنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئاستا-ئاستا كۆزىتىلگەن.
يولغا قويۇلغان جىددىي زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن، دائېش ئەزاسى 10 تېررورچى سۇرىيەدە تۇتۇلۇپ تۈركىيەگە يۆتكەلگەن. ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان تېررورچىلار ساقچىخانىدا بەرگەن بايانلىرىدا مۇنداق نۇقتىلارنى ئاشكارىلاشقان:
دائېش تەرىپىدىن بېرىلگەن تېررورلۇق بۇيرۇقلىرى ۋە پىلانلىرى
تەشكىلات ئىچىدە ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان قوراللىق ۋە دىنىي تەربىيەلەر،
دائېش نامىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى.
قولغا چۈشكەن ۋە قىزىل بۇيرۇق بىلەن ئىزدىلىۋاتقان 10 شەخسنىڭ كىملىك تەپسىلاتى:
ئەلى بورا (دائېشنىڭ تۈركىيەگە مەسئۇل ئاتالمىش ئىستىخبارات ئەمىرى): 2014-يىلى تەشكىلاتقا قوشۇلۇش ئۈچۈن سۇرىيەگە ئۆتكەن. تەشكىلات ئىچىدە ئوخشاشمىغان بۆلۈملەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە نۇرغۇن توقۇنۇشلارغا قاتناشقان. «فارۇق ئىشخانىسى» (تۈركىيە ۋىلايىتى) ئىچىدە رول ئالغان. ئاتالمىش تۈركىيە ۋىلايىتى قوراللىقلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرىگە قاراتمىغان ئۈچ ئايرىم ھۇجۇمنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئۆمەر دەنىز دۈندار: 2015-يىلى 109 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ يارىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئەنقەرە بېكىتى ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان تېررورچىلار بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان. 2014-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن. تەشكىلاتنىڭ «فارۇق ئىشخانىسى» دا ئىشلىگەن. تۈركىيەگە قارىتىلغان نۇرغۇن ھۇجۇملار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئاشكارىلانغان. 2017-يىلى تۈركىيە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە يوشۇرۇن ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالغان بىر ھەرىكەتتە، تېررورچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ بەلبېغى ئۈستىدىن تېپىلغان بارماق ئىزىنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئۆمەر دەنىز دۈندارغا تەۋە بولۇپ چىققان.
ھۈسەيىن پەرى: 2014-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن، تەشكىلاتنىڭ سەھىيە بۆلۈمىدە پائالىيەت قىلغان. 2015-يىلى پ ي د/ ي پ گ قوراللىقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىنچە پ ي د/ ي پ گ بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدە قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 2019-يىلىغىچە يەنە دائېشنىڭ سەھىيە بۆلۈمىدە ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان.
قادىر گۆزۈكارا: دائېشقا قاراشلىق «دوكۇمىچىلار گۇرۇپپىسى» نىڭ رەھبىرى مۇستافا دوكۇمىچىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن 2015-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن. جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ بولغانلىقى ئۈچۈن قوراللىق توقۇنۇشلارغا قاتناشمىغان، ئەمما سۇرىيەگە كەلگەن تېررورچىلارنىڭ لوگىستىكىلىق ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەشتە رول ئالغان. 2021-يىلىغىچە تەشكىلاتنىڭ تاراتقۇ پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزگەن.
ئابدۇللاھ چوبانئوغلۇ: 2016-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن. سۇرىيەدە تەكپىرچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچىدە قوراللىق پائالىيەت قىلغان. ئۇ ئولتۇرغان ماشىنىغا قىلىنغان پارتلاتقۇچ ھۇجۇمىدا بىر پۇتىدىن ئايرىلغان. 2020-يىلى دائېشقا بەيئەت قىلىپ، «فارۇق ئىشخانىسى» غا قاراشلىق تاراتقۇ بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.
ھاققى يۈكسەك: 2016-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن. تەشكىلات ئىچىدە قوراللىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارنى يوقاتقاندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ يوشۇرۇن ئۇۋا قۇرۇلمىلىرىدا ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان. «دوكۇمىچىلار گۇرۇپپىسى» نىڭ رەھبىرى مۇستافا دوكۇمىچىنىڭ ياردەمچىسى بولغان، ھەتتا ئۇنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنىمۇ بىر تەرەپ قىلغان.
قادىر دەمىر: 2016-يىلى شانلىئۇرفادىن سۇرىيەگە ئۆتكەن. ئىدلىب ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا تەكپىرچى گۇرۇپپىلار بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلغان. 2017-يىلى دائېشقا بەيئەت قىلىپ، «فارۇق ئىشخانىسى» (تۈركىيە ۋىلايىتى) ئىچىدە مەمۇرىي مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. مەزكۇر بۆلۈم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان.
چەقدار يىلماز: 2017-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن. ھەربىي تەربىيە كۆرگەندىن كېيىن، ئىدلىب رايونىدا قوراللىق ئامىل سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلغان. 2018-يىلى دائېشنىڭ «فارۇق روتىسى» غا قوشۇلۇپ، تاراتقۇ بۆلۈمىدە ئىشلىگەن.
مۇرات ئۆزدەمىر: 2017-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن. ئىدلىب رايونىدا قوراللىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان. تەشكىلات زېمىنلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، «فارۇق ئىشخانىسى» ئىچىدە پائالىيەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسەد كۈچلىرىگە قارشىمۇ دائېش سېپىدە جەڭ قىلغان.
ئىسھاق گۈنجى: 2017-يىلى سۇرىيەگە ئۆتكەن. تەشكىلات ئىچىدە قوراللىق ئامىل سۈپىتىدە ئۇرۇشلارغا قاتناشقان، «فارۇق ئىشخانىسى» دا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئەسەد كۈچلىرىگە قارشى مىناميوت ئېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. تەشكىلات ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى قولغا چۈشكىچە داۋاملاشتۇرغان.
تەپسىلىي مەلۇماتلار كېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ...



















