«Times of Israel» گېزىتىنىڭ بىر ئامېرىكالىق ۋە بىر پەلەستىنلىك ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابباس ئۇدا ئىككىنچى يىلىمۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە سىنلىق يىغىن شەكلىدە خىتاب قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
ئابباستىن سىرت ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا سەپەر قىلىشى مۆلچەرلەنگەن پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ ۋىزا ئىلتىماسلىرى رەت قىلىندى.
بىر پەلەستىنلىك ئەمەلدار، ئۆزىگە ۋىزا بېرىلمەسلىككە «ھەرقانداق ۋاقىتتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولغان كىشىلەرگە ۋىزا بېرىلىشىنى چەكلەيدىغان 212(a)(3)(B) ماددىسىنىڭ سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابباسنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنىڭمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس.
ئابباسنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش كېلەر ھەپتە نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە تېلېفون ياكى تور سىن يىغىنى ئارقىلىق خىتاب قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغانلىقى، ئامېرىكاغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە تىنچلىق ئۈمىدلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» سەۋەب قىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ پەلەستىن ھاكىمىيىتى ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىككە ئالاقىدار ئېمبارگولىرىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا ئابباسقا ۋىزا بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلە ئۈستىدىمۇ توختىلىندى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ئابباس ئۆتكەن يىلىمۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشالمىغان ھەمدە ئومۇمىي كېڭەشكە سىنلىق ئۇچۇر ئارقىلىق خىتاب قىلغان ئىدى.






















