مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جەم بولۇپ، نۆۋەتتىكى رايون خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنى توختىتىش مەقسىتىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنى باشلىدى.
بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆھبەت يىغىنىغا؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئاتى، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرھان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر يىغىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا شىۋىيېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلۈۋاتقان يېپيېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇزاكىرىلەردىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.
مەلۇمات ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تۆت دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق يىغىن 2026-يىلى 20-مارتتا رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن بولسا؛ بۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىسلامابادتا ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن، ئارقىدىنلا يەنى 2026-يىلى 17-ئاپرېلدا ئانتاليادا ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانىدى.











