غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇرۇشلارنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى / Reuters

«ئۇرۇشقا يول يوق» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن 34-نۆۋەتلىك ئارتىسلار جەمئىيىتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى.

ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقىدا بولدى ۋە «ئەركىن پەلەستىن» نى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئىسپانىيە ئاخبارات ئورگىنى «La Razon» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن 34-نۆۋەتلىك ئارتىسلار جەمئىيىتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى «ئۇرۇشقا يول يوق» ۋە «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى» بولغان.

سەنئەتچىلەر يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى «نومۇس قىلارلىق ئەھۋال» غىمۇ بۇرىدى؛ چۈنكى شۇ قېتىمقى مۇراسىمدا پەقەت ئىسپانىيەلىك ئارتىس جاۋىيېر باردېملا «ئەركىن پەلەستىن» چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.

سەنئەتچىلەرنىڭ ياقىلىرىغا تاقىۋالغان «سەنئەتچىلەر پەلەستىن تەرەپتە» ۋە «ئۇرۇشقا يول يوق» دەپ يېزىلغان بەلگىلەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ چاقىرىقلار ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا قاراتقان بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە ئىراننىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 1300 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى؛ بۇ ھۇجۇملار ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە ۋەيرانچىلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە بازارلىرى ۋە ھاۋا قاتنىشىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم باشلىغان 28-فېۋرالدىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى.

ئۆتكەن ھەپتە، «مۇستەملىكىچىلىككە ۋە تاملارغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەپتىسىدە، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ 192 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالتە پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىرلىق مەنسەپدىشى بىلەن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىماي، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سانى 2025-يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى
ئىران: «ترامپ ئۇرۇشنى قايتىدىن باشلىسا، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ»
ئىران: «ئامېرىكا ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلىسا، جاۋابىمىز ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ» دېدى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنەھۇجۇم قىلىپ، بەش پەلەستىنلىك ساقچىنى ئۆلتۈردى
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بەن-گۋىرنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا كىرىشىنى چەكلىدى
تۈركىيە مىللىي ئاخبارات ئىدارىسى (MİT) سۇرىيەدە دائىشقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى
پاكىستان باش مىنىستىرى، ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىتايغا زىيارەتكە بارىدۇ
«تۈركىيە ئەسىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
ئىران: «مۇزاكىرىلەردە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەر ياكى ئايلاردا ئېنىق بىر بىر نەتىجىگە ئېرىشىش كۈتۈلمەيدۇ»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى