GPS ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن خادىملار، قايتىش يۆنىلىشىدە باشقا يول باشلاش سىستېمىلىرىدىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولدى.
«The Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى جون خېلىنى ئېلىپ ماڭغان پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئايروپىلان، رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا سىگنال قالايمىقانلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن.
يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خېلىنىڭ ئېستونىيەنىڭ جەنۇبىي-شەرقىگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيەگە قايتىۋاتقان جەريانىدا، ھۆكۈمەت ئايروپىلانىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سىگناللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سىگنال مۇداخىلىسىنىڭ 3 سائەتلىك سەپەر بويىچە ئايروپىلاننىڭ GPS سىستېمىسنى كاردىن چىقارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۈزۈلۈش ئايروپىلاندىكى خاتىرە كومپيۇتېرلار ۋە ئەقلىي فونلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇچقۇچىلار ئايروپىلاننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ئۈچۈن باشقا مېخانىكىلىق (ئىنېرتسىيەلىك) يول باشلاش سىستېمىلىرىدىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە، ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيە بار دەپ قارىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇچقۇچىلارنىڭ بىرى ۋەقەنى «ئۇزۇن زاماندىن بۇيان» يۈز بەرمىگەن غەيرىي ئادەتتىكى بىر ئەھۋال دەپ باھالىدى.




















