تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەنقەرەدە پەلەستىن دۆلەت رەئىس مەھمۇد ئابباس بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىتلارنىڭ ھازىرلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.