97 ياشلىق ئايال جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتتى
97 ياشلىق ئەنگلىيەلىك بىر ئايال ئايروپىلان قانىتىدا ئۇچۇش ماھىرى سۈپىتىدە جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتتى.
97 ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئايال بېتتى بروماگې (Betty Bromage) ئۈچۈن ئېيتقاندا، توسالغۇ يوق. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياشانغان ئايال ئايروپىلان قانىتىدا ئۇچۇش ماھىرى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ جىننېس دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى (2025) پالەچ بولۇپ (مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ) قالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بەرگەن تېببىي خادىملارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، چېلتېنھام باش دوختۇرخانىسىنىڭ (Cheltenham General Hospital) پالەچ كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئايروپىلان قانىتىغا باغلىنىپ، ئالتىنچى قېتىم ئايروپىلان قانىتىدا ئۇچتى.