ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلماقچى بولغانلارنى توسۇۋالدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مۇھاسىرە ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيىگە يېمەكلىك ياردىمى ئېلىپ بارغان پائالىيەتچىلەرنى توسۇۋالدى.
14-ئاۋغۇست كۈنى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقىنىڭ قۇسرا (Kusra) كەنتىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيىگە يېمەكلىك ۋە سۇ يەتكۈزمەكچى ئىسرائىلىيەلىك ۋە چەت ئەللىك پائالىيەتچىلەر، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. كەنتتىكى ئۆيلەر مۇشۇ ھەپتە بويى قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك ئولتۇراقلاشقۇچىلار تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان بولۇپ، ئۆيدىكى ئائىلىلەر ئوزۇق-تۈلۈكلىرىنىڭ تۈگەپ قالاي دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەسكەرلەر كەنتكە كىرىشىنى توسقاندىن كېيىن، پائالىيەتچىلەر ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى دەرۋازىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى.