ئىسىرائىلىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى جەريانىدا، لىۋان يېزىلىرىغا خىمىيەلىك بومبا ئاتقان
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلىدىن بۇيان لىۋاننىڭ ئاز دېگەندە 18 كەنتىدە ئاق فوسفور ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەپەس بوغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ۋە خەلقنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاۋغۇست جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى مەنسۇرىدا (Mansouri) خىمىيەلىك بومبا ھۇجۇمى قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئاز دېگەندە 18 كەنتتە ئاق فوسفور ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەپەس بوغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ۋە مىڭلىغان ئاھالىنى قېچىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ لىۋان تەتقىقاتچىسى رامزى كائىس (Ramzi Kaiss) 2026-يىلى مارتتا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئولتۇراق رايونلاردا ئاق فوسفورنى قانۇنسىز رەۋىشتە ئىشلىتىشى ئىنتايىن ئەندىشە قىلارلىق بولۇپ، پۇقرالار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى. ئاق فوسفورنىڭ كۆيدۈرۈش كۈچى ئۆلۈمگە ياكى بىر ئۆمۈر ئازاب چېكىشكە سەۋەب بولىدىغان ئېغىر يارىلىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.