تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېقىن ئەتراپتا داۋاملىشىۋاتقان كرىزىسلارنىڭ «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمدەملىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى» ئىپادىلىدى.
جۈمە كۈنى قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «پەلەستىن، لىۋان، ئىران، ئۇكرائىنا ۋە باشقا نۇرغۇن كرىزىسلار دۆلەت مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىشىمىز ۋە سانائەت ساھەسىدە ھەمكارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېدى.
تۈركىيەنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغۇسى نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دائىرىسىدە تور خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، تور خەۋپسىزلىكىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا خۇددى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىكى خەۋپسىزلىككە ئوخشاشلا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىپ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت ۋە رەقەملىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنى مائارىپتىن مەدەنىيەتكىچە، ئاكادېمىك ھەمكارلىقتىن رەقەملىك ئۆزگىرىشكىچە كەڭ ساھەدە ئىشلىتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئورتاق تىلىمىزنىڭ بايلىقىنى رەقەملىك دۇنيادا نامايەن قىلىدىغان تۈرك تىلى مودېلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈنئىي ئەقىل ئاساسىدىكى تەشەببۇسلارنىڭ قوللىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.»













