پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAFA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە شەھىرىنىڭ ئەززەيتۇن مەھەللىسىگە جايلاشقان بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا بەزى ئاددىي پۇقرالار يارىلانغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۈرەشچى ئايروپىلانلار شىمالدىكى غەززە شەھىرى بىلەن ئەلفالۇجا رايونىدىكى ئۆيلەرنى، شۇنداقلا غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان ئەلبۇرەيج مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆي ۋە بەزى سودا ئورۇنلىرىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بومباردىمان قىلغان.
تەۋسىيە
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ھۇجۇملىرىنى، 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۆزئارا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي داۋاملاشتۇرماقتا.




















