ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كىيېۋ رايونىغا قىلغان راكېتا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يارالانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى ئارقىلىق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ كىيېۋ رايونىغا راكېتا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي، ھۇجۇمدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يارالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
زېلېنسكىي، كىيېۋ رايونىغا بۈگۈن قىلىنغان ھۇجۇمغا ئائىت تەكشۈرۈشنىڭمۇ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيەنىڭ يەنە، دونېتسىك رايونىدىكى سلوۋيانسىك شەھىرىنى يېتەكچى بومبىلار بىلەن نىشانغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زېلېنسكىي، بۇ ھۇجۇم نەتىجىسىدە 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 9 كىشىنىڭ يارالانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا رەھبىرى، شەھەردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە بىر كونسۇلخانا بىناسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىنسانلارغا قارىتىلغان بۇ زالىملارچە ھۇجۇملاردىن رۇسىيە جاۋابكار تۇتۇلۇشى كېرەك. رۇسىيە ئاللىقاچان ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى ھېچقانداق خەلقئارالىق ئۆلچەمنى، ھېچقانداق ئىنسانىي قىممەتنى ئېتىبارغا ئالمايۋاتىدۇ. ئۇلار پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈشنى قىلا قىزىقىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.




















