سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەمەشقنىڭ باسقۇچلۇق پىلاننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىسرائىلىيەنىڭ 1974-يىلقى چېكىنىش لىنىيەلىرىگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭى بىر خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەھمەد شارا، 1974-يىلقى كېلىشىمنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى، ئەمما كېيىنچە، بولۇپمۇ 2024-يىلى 8-دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىرىمىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھازىر سۆھبەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق؛ بۇ باسقۇچ ئىسرائىلىيەنىڭ 1974-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، شۇنداقلا تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش ياكى كېلىشىمنى ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىكىكە كاپالەتلىك قىلىدىغان شەكىلدە تۈزىتىش ئارقىلىق يېڭى قائىدىلەرنى بېكىتىدىغان خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
ئۇ يەنە، ئەگەر بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، مەزكۇر باسقۇچنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىنىڭ سالاھىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆھبەتلەرگە يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«شۇنىڭدىن كېيىن، ئەگەر بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆھبەتنى باشلىساق بولىدۇ.»
سۈرىيە پىرېزىدېنتى شارا يەنە، مەزكۇر رايون ئۈستىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى سۈرىيەنىڭ گولان رايونى ئۈستىدىكى دەۋاسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كۈچكە ئىگە ئەمەس. بۇ ھوقۇق ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتكە ئەمەس، بەلكى سۈرىيە خەلقىگە تەئەللۇقتۇر.»
2024-يىلى 8-دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىرىمىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە 1974-يىلقى ئايرىلىش كېلىشىمىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە چېگرا بويىدىكى ئارىلىق رايونىنى بېسىۋېلىشقا باشلىدى.
سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ھەرقانداق بىر تەھدىت سۆزلىرىنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەششار ئەسەد تەختتىن چۈشكەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى؛ بۇ ھۇجۇملاردا پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلدى، شۇنداقلا ھەربىي ئەسلىھەلەر، تېخنولوگىيەلىك جابدۇقلار ۋە ئوق-دورىلار نىشان قىلىندى.









