خەلقئارا
4 مىنۇت ئوقۇش
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ئىسپانىيە باش مىنىستىرى سانچېز خىتاي زىيارىتىدە، خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ» / Reuters
11 سائەت بۇرۇن

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاينى بازارلىرىنى ئېچىشقا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان كۈنسېرى ئېشىۋاتقان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئىسپانىيەنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن مۇھىم بىر كۆۋرۈك دەپ تەرىپلىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىدىدە ئۈچ كۈنلۈك بېيجىڭ زىيارىتىنى باشلىغاندا، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى "داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال" دەپ باھالىدى.

سانچېز خىتاي بىلەن 27 ئەزالىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىسپانىيەنى بىر كۆۋرۈك سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. ئۇ تۆت يىل ئىچىدە خىتايغا تۆتىنچى قېتىم زىيارەتكە كەلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجى مەسىلىسى، ئەنگلىيە، كانادا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇن غەرب رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى، بۇ رەھبەرلەر يېقىنقى ئايلاردا تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن خىتايغا ئاقماقتا

بىراق سانچېز، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ "تەڭپۇڭسىز" ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭنى بازارلىرىنى ياۋروپا ماللىرىغا ئېچىشقا چاقىردى. سانچېز چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى زىيارىتىدە: «ياۋروپا ئۆزىنى تاقىۋالماسلىقى ئۈچۈن خىتايمۇ بازارلىرىنى ئېچىشى كېرەك» دېدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى يەنە، خىتايدىن ھازىرقى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى تۈزىتىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە «پەقەت ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا %18 ئۆرلىگەن بۇ تەڭپۇڭسىزلىق، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس» دەپ قوشۇپ قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China pledges cooperation with Spain to tap Latin American markets

ئېشىۋاتقان سودا يېتەرسىزلىكى

ئاران 50 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىسپانىيە، ئۆتكەن يىلى 1.4 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاي بىلەن بولغان سودىدا 42.3 مىليارد ياۋرو (49.1 مىليارد دوللار) زىيان تارتتى. سانچېز ئىسپانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ياۋروپا ئومۇمىي تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ 74% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ماي ئېيىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ترامپنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئىسپانىيە بىلەن بولغان سودىنى ئۈزۈش تەھدىتىدىن كېيىن، ئىسپانىيە رەھبىرى خىتاي بىلەن بولغان سودىنى ئاشۇرۇشقا قىزىقماقتا. ئىسپانىيە خىتاينىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىكى بولغان ئىرانغا قارىتا ئامېرىكا ھۇجۇملىرىدا ئۆز ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ترامپنىڭ تەھدىتلىرى كېلىشكە باشلىغان ئىدى.

ئىسپانىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرى سانچېزنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا-ئىگىلىك ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بازارغا تېخىمۇ كەڭ ئېرىشىش ۋە تېخنىكا ساھەسىدە بىرلىكتە مەبلەغ سېلىشنى تەتقىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سانچېزنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ياۋرو رايونىنىڭ تۆتىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولغان ئىسپانىيەگە يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ۋە خىتاينىڭ ئىنتايىن مۇھىم خام ئەشيالىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاي تېخنىكا گېەانىتى شياۋمى (Xiaomi) نىڭ باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلىشى ۋە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بىر تېخنىكا كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى پىلانلاندى. سانچېز كېيىن سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى چياڭنى ئۆز قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرىنىڭ 2025-يىلى ئاپرېلدا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە، چوشقا گۆشى ۋە گىلاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسپانىيەنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى كېڭەيتىشنى ىىتاي تەرەپ قوبۇل قىلغان ئىدى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئىسپانىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ 2025-يىلى %6.5 ئاشقانلىقىنى ۋە بۇ ئېشىشنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۈچلۈك ئالاقىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Erdogan, Sanchez discuss regional issues, strengthen cooperation

دەرۋازا ئورنىدىكى ئىسپانىيە

مادرىد تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى كلاۋدىيو فېيجو (Claudio Feijóo)، ئىسپانىيەنىڭ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە جەلپكارلىقى بارلىقىنى، بۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى ئىقتىساد جەھەتتە ياۋروپادىكى ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشى ۋە ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەنلىكىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فېيجو AFP ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «خىتاي ئىسپانىيەنى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا خىتايغا قارشى تۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن ۋە ئېھتىمال ۋاشىنگتونغا تېخىمۇ ئاز بېقىنىدىغان، نىسبەتەن دوستانە دۆلەت دەپ قارايدۇ. بۇ بولسا تېخىمۇ مۇستەقىل قارار چىقىرىش پۇرسىتى يارىتىدۇ. ئىسپانىيە يەنە ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە شىمالىي ئافرىقىغا ئېچىلىدىغان بىر دەرۋازا دەپمۇ قارىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن بازارغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر مەركەزلىك رولىنى ئوينىيالايدۇ» دېدى.

فېيجو خىتاينىڭ «ئۆزىگە كېرەكلىك بارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدىغانلىقىنى ياكى نوپۇسى تەلەپ قىلغان سۈپەتتە ئىشلەپچىقىرالمايدىغانلىقىنى»، ئىسپانىيەنىڭ بولسا نۇرغۇن يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدا ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ چارشەنبە كۈنى ئىسپانىيەنى «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە خىتاينىڭ مۇھىم بىر شېرىكى» دەپ تەسۋىرلەپ، سانچېزنىڭ زىيارىتىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

پادىشاھ فىلىپ VI ۋە خانىش لېتىزىيا ئۆتكەن نويابىردا خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى. بۇ بىر ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ 18 يىلدىن كېيىن خىتايغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېقىنلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئىدى. ياۋروپانىڭ ئاز سانلىق سولچىل رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان سانچېز بۇ زىيارىتىنى رەپىقىسى بېگونيا گومېز ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوسې مانۇئېل ئالبارېس بىلەن بىرگە ئېلىپ بارماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China, EU discussed trade cooperation, issues ahead of summit amid sanctions

 

ئىزدىنىڭ
ئىران: رامكا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى دەپسەندە قىلىندى
پاكىستان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى «تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىدى
گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى
ترامپ «ئىراندا ھاكىمىيەت ئالماشتى» دەۋاسىدىن كېيىن، ئىران بىلەن ھەمكارلىق سىگنالى بەردى
ھىزبۇللاھ لىۋانغا قارىتىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملارغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا راكېتا ھۇجۇمى قىلدى
ئىسرائىلىيە ترامپنىڭ كېلىشىمىنىڭ لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى: «سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن مەغلۇپ» بولۇش بىلەن ئەيىبل
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى بىر دوختۇرخانا ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شەهباز شەرىف: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى» دېدى
ترامپ ئىران بىلەن ئۇرۇش توختاتتى ۋە ئامېرىكانىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى رولىنى تەكىتلىدى
خاقان فىدان بىلەن ئىسھاق دار ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرا قىلدى
ئىران: ئامېرىكا 10 ماددىلىق تىنچلىق تەكلىپىنى «پىرىنسىپ جەھەتتىن» قوبۇل قىلدى
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى