ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىملاپ ياردەم تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن، ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 680 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى قۇرۇلتايغا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان ياخشىلاشلارغا ئالاقىدار ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەتلەرنى سېتىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئېھتىماللىقى يۇقىرى بىر چەتئەلگە ھەربىي ئۈسكۈنە سېتىش تۈرىنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارار قىلىنغانلىقىنى» ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە كىيېۋ، تۈرلۈك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، ئېتىش سىستېمىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا قارشى رادارلار ۋە سۆرەلمە ئاپتوموبىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سېتىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، قۇرۇلتاينىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باسقۇچىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «تەكلىپ قىلىنغان سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى ئاخىرلاشقان ئەھۋالدا، ئۇكرائىنا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۆھپىلىرى ۋە ئالدىنقى ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئاجرىتىلغان ئامېرىكا تاشقى ھەربىي مەبلەغ مەنبەلىرىنىڭ بىرىكمىسىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ئاي، ئۆزىدىن بۇرۇنقى جو بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئۇكرائىناغا قىلىنغان ئامېرىكا ياردەملىرىنىڭ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ترامپ ئۇزۇندىن بېرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىلگەن غەرب ياردەملىرىنىڭ تەننەرخىدىن تېخىمۇ چوڭ نىسبەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەننەرخىنى 2 مىليارد 680 مىليون دوللار دەپ مۆلچەرلىگەن جۈمە كۈنىدىكى بۇ تەكلىپ، ترامپنىڭ رۇسىيەگە قىلىنىۋاتقان بېسىمنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ئېمبارگولارغا رۇخسەت قىلىدىغان قانۇنغا ئىمزا قويغان مەزگىلىگە توغرا كەلدى.






















