تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىيلارنىڭ مەككە شەھىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا: «ھۇسىيلارنىڭ مۇقەددەس مەككە شەھىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوللايدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.
باياناتتا يەنە: «رايون مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىش، شۇنداقلا جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىش ھەققىدىكى چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېيىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش قوشۇنىنىڭ باياناتچىسى، بىرىگادا گېنېرالى تۇركى ئەلمالىكى تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 18:50 ئەتراپىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ھۇسىيلار قويۇپ بەرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى مەككىنىڭ ئۇچۇش چەكلەنگەن ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشتىن بۇرۇن بايقىغانلىقىنى ۋە ئۇنى شەھەرنىڭ جەنۇبىدا توسۇپ قېلىپ، پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ھۇسىيلار رەت قىلدى
ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرىئ بولسا، ئۇلارنىڭ مەككىنى نىشان قىلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردا پەقەت نېفىت ئەسلىھەلىرى ۋە ھەربىي بازىلارنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان سەرىئ، ھۇسىيلارنىڭ مۇقەددەس جايلاردىن پۈتۈنلەي يىراق تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

















