خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان خىتاي راكېتاسىنىڭ ئۇچۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەر ۋە سىنلار ئالەم كېمىسىنىڭ ھاۋادا پارتلاپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، مەسئۇللار بۇ مەغلۇبىيەتنى «ئۇچۇشتىكى نورمالسىزلىق» قا باغلاپ چۈشەندۈردى.
خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋە كەم ئۇچرايدىغان ئۇچۇش مەغلۇبىيىتى، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان ۋېنچاڭ ئالەم كېمىسى ئۇچۇرۇش مەيدانىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 20:02 دە كۆككە كۆتۈرۈلگەن «Long March 7A» توشىغۇچى راكېتاسىنى ئىكەن.
شىنخۇا جۇڭشىڭ-4B ئۇچۇرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان راكېتانىڭ ئۇچۇش جەريانىدا بىر «نورمالسىزلىق» دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مەركىزى سىنگاپورغا جايلاشقان تاراتقۇ ئورگىنى «Channel News Asia»، ئىنستاگرامدا ھەمبەھرىلىگەن بىر ئۇچۇردا، راكېتانىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئاسماندىكى ئوت شارىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزىتىۋاتقان ئاممىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتتى.

«مۇشەققەتلىك» بىر خىزمەت
خىتاي ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىيۇل ئېيىدا تۇنجى قېتىم قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر راكېتانى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئوربىتىغا قوندۇرغان. بۇ ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ ئالەم نىشانلىرى ۋە ئۇچۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالغان.
خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ «Artemis» پروگراممىسى بىلەن رىقابەتلىشىپ، 2030-يىلىدىن ئىلگىرى ئايغا ئاستروناۋت قوندۇرۇشنى نىشانلىماقتا.
SpaceX نىڭ باش ئىجرائىيە مەسئۇلى ئېلون ماسك، X تا دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن مەغلۇبىيەتلىك ئۇچۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەمبەھىرلىگەن ئىنكاسىدا: «راكېتا خىزمىتى ئىشىنىپ بولغۇسىز دەرىجىدە قىيىندۇر. ئۇلارنىڭ تېزدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
شىنخۇا، 2020-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا، خىتاينىڭ ۋېنچاڭ مەيدانىدىن ئېلىپ بارغان تۇنجى «Long March 7A» ئۇچۇرۇشىنىڭمۇ «بىر كاشىلا» سەۋەبىدىن مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئەسلىتىپ خەۋەر قىلغان ئىدى.

















