غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، 6 پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى.
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى

خىربەت ئەلتۇبا رايونىدا بىر قانچە پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيى كۆيۈپ زىيانغا ئۇچرىدى ۋە 6 كىشى يارىلاندى. ئىسرائىلىيە كۈچلىرى يەنە ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر چارشەنبە كۈنى خېبروننىڭ جەنۇبىدىكى مەسافەر ياتتا رايونىغا قاراشلىق خىربەت ئەلتۇبا يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بەردى ھەمدە 6 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بولسا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىشتىن سىرت ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى ھۇجۇمدا يارىلانغان 3 ئايالنى قوشقاندا جەمئىي 6 يارىدارغا جىددىي تىببىي مۇداخىلە قىلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن رەسمىي ئاگېنتلىقى «ۋافا» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قوراللىق كۆچمەنلەر بىر قانچە ئۆينى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلغان، ئاياللار ۋە بالىلار ئىس-تۈتەكتىن زەھەرلىنىشكە ئۇچرىغان.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى بەيتىلەھەمنىڭ جەنۇبىدىكى بەيت فاججار  بىلەن راماللاھنىڭ شەرقىدىكى كەفر مالىك ۋە دەير جەرىر قاتارلىق بىر قانچە رايونلاردا بېسىپ كىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel plans 2,300 new housing units to expand illegal occupied East Jerusalem settlement

ئەل بىرە شەھىرىدە ئەسكەرلەر 3 ئۆينىڭ ئاھالىسىنى مەجبۇرىي ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان ۋا تارتىۋېلىغان يەرلەرنى ھەربىي قاراۋۇلخانىغا ئايلاندۇرۇۋالغان. ئەسكەرلەر يەنە يېقىن ئەتراپتىكى ئۇم ئەل شارايەت مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىپ، ئاساسلىق يوللارنى توسۇۋالغان ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىگەن.

باشقا يەرلەردە بولسا، ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر چارۋا-ماللىرى بىلەن ئەل مۇغاييىر يېزىسىنىڭ غەربىدىكى شەئاب ئەللۇز رايونىغا بېسىپ كىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يەر-زېمىنلىرى ۋە مۈلكىگە قارىتىلغان ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ شىمالىدا كەفر ئاقاب  ۋە كالاندىيا  مۇئەييەن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى. كالان دىيا تاراتقۇ مەركىزى ئەسكەرلەرنىڭ ئونلارچە ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، بىر ئايالنى قوشقاندا جەمئىي 15 كە يېقىن پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنىد ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كالان دىيادا ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىشتە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاياق توقمىدىا يارىلانغان 8 پەلەستىنلىككە تىببىي ياردەم قىلغانلىقىنى، يارىدارلار ۋە بىمارلارغا سەھىيە خادىملىرىنىڭ يېتىپ بارىشىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىن 5 بىمارنى يۆتكەپ چىقالىغانلىقىنى ئېيتتى.

پەلەستىن رەسمىي مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ئاشقان. بۇ جەرياندا 1182 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 13 مىڭغا يېقىن كىشى يارىلانغان ۋە 24 مىڭغا يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli forces raid occupied West Bank refugee camp, impose curfew and halt prayers
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاققا باستۇرۇپ كىرىپ 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى
شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىن مەكتەپلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئوقۇش باشلىيالمىدى
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 500 گە يەتتى
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلد
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى