ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى ئامېرىكانىڭ خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، ياپونىيەنىڭ يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ پىرىنسىپىنى ئاشكارا تەكرارلاشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
پەيشەنبە كۈنىدىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تاكائىچى، ھۆكۈمەتنىڭ ياپونىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يادروغا قارشى سىياسىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە يادرو قوراللىرىدىن خالىي دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن «رېئال ۋە ئەمەلىي» تىرىشچانلىقلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداقتىمۇ، تاكائىچى رايونلۇق بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ يادرو سىياسىتى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ياپونىيە زېمىنىدا يادرو قوراللىرىنى «ئىشلەپچىقارماسلىق، ساقلىماسلىق ۋە كىرگۈزۈشكە يول قويماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پىرىنسىپقا تولۇق رىئايە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.
مۇراسىمدا، خىروشىما شەھەر باشلىقى كازۇمى ماتسۇئى دۇنيا رەھبەرلىرىنى يادرو قوراللىرىنى تولۇق يوقىتىشقا چاقىردى. ئۇ، بۇ قوراللارنىڭ خەلقئارالىق توقۇنۇشلاردا يەنىلا «تەھدىت قورالى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماتسۇئى كۈچ ئىشلىتىشنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يەنە بىر قېتىم خىروشىما ياكى ناگاساكى پاجىئەسىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يادرو قورالسىزلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا چاقىردى.
يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن سائەت 08:15 تە بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ۋاقىت ئامېرىكانىڭ 1945-يىلى 6-ئاۋغۇست خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان دەقىقىسىگە توغرا كېلىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تەخمىنەن 140 مىڭ ئادەم بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

















