رىيازان ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى پاۋېل مالكوۋ رايوننىڭ كېچە بويى ۋە سەھەر پەيتلىرىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
مالكوۋ ھۇجۇملار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ھەققىدە توختىلىپ: «نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئىچىدىكى بىر يەرگە ئوت كەتتى. رىيازاندىكى يەنە بىر كارخانىنىڭ ئامبىرى ۋە ئاپتوموبىللىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.
ئۇ دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقىنى، ماددىي زىياننى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىشلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 11-ئۆكتەبىردە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىر-بىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. كېرىمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ بولسا، بۇ ھەقتىكى ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.




















