خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
سۇداندىكى توقۇنۇش ۋە قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتقان بالىلارنىڭ، خولېرا ۋە قىزىل كېسەل قاتارلىق جانغا زامىن بولىدىغان كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش مۇدىرى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس سۇداندىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلەپ، بالىلارنىڭ خولېرا ۋە قىزىل كېسەل جانغا زامىن بولىدىغان كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس سۇداندىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئوزۇقلۇق بىخەتەرلىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق تۈرگە ئايرىش ئورگىنى» (IPC) نىڭ سۇداندىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئاچلىق ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ IPC نىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىككى لاگېردىكى ئاچلىق تىراگېدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى.

گېبرېيۇس سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشلار ۋە «ئېل نىنو» ھاۋا كىلىماتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇرغاقچىلىقنىڭ كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپى بارلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سۇداندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 161 ئوزۇقلۇق مەركىزىنىڭ ھەممىسىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«2026-يىلى يانۋار ۋە ئاۋغۇست ئايلىرى ئارىلىقىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قوللىغان خىزمەتلەر جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە داۋالاش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن 26 مىڭدىن ئارتۇق بالا داۋالاندى. بىراق، ئېھتىياج مەۋجۇت مەبلەغدىن ئېشىپ كەتتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جېنىنى خەتەرگە ئىتتىرمەكتە. ئاچلىق پەقەت بىر يېمەكلىك كىرىزىسىلا ئەمەس، بەلكى بىر جىددىي سەھىيە ئەھۋالىدۇر.»

تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس سۇداندىكى توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىش، بىخەتەر ۋە سىجىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يوللىرىنى ئېچىش ھەمدە ياردەم مەبلىغىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى. ئۇ تىنچلىقنىڭ «ئەڭ ياخشى دورا» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۇداندا 2023-يىلى 15-ئاپرېلدىن بۇيان دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى  ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. بۇ توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئاچلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئون مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، كەم دېگەندە 13 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. سۇداندىكى بۇ ۋەزىيەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنىڭ بىرىنى پەيدا قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى