جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە رايوندىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار مۇزاكىرە قىلىنغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋەلىئەھد شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا، تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنلىرىنى نىشان قىلغان ھۇسىي ھۇجۇملىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قايغۇلىرىنى ۋە تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.
تەۋسىيە
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سىناقتىن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
















