فىرانسىيەدە دۆلەت پارلامېنتى جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.
پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
قانۇن لايىھەسى كېڭەشتە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا بىرلىكتە ماقۇللاندى.
جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسى 110 دىن ئارتۇق ماددىدىن تەشكىل تاپىدۇ.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىك دېلولىرىدا، ساقچىلارنىڭ 1 يىل ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە گۇماندارلارنىڭ ئىپادىسىنى ئېلىشىنى، ئىسپاتلارنى ساقلىشىنى ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىنى مەجبۇرىي قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.
جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئائىلىدە زوراۋانلىق دېلولىرىغا قارايدىغان ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسى ھەر بىر سوت مەھكىمىسىدە بۇ خىل دېلولارغا قارايدىغان 2 سوتچى ۋە 1 تەپتىشنىڭ بولۇشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرىدۇ.
قانۇن لايىھەسى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە جىنسىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا ئۇچرىغان ئايال خىزمەتچىلەرگە 10 كۈنلۈك ئالاھىدە رۇخسەت بېرىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان بالىلارنى بايقاش ئۈچۈن بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىغىچە ھەر يىلى سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
قانۇن لايىھەسى، بۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنتنىڭ يۇقىرى پالاتاسى بولغان كېڭەش پالاتاسى (سېنات) تا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
فىرانسىيەدە بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئوخشاش بىر تېكىست ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.


















