خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
نامايىشقا قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن شۋېتسىيەلىك ئاكتىۋىست ئانىتا سالۋېن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) مۇخبىرىغا 3 يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىغا دائىم قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدىن ئىگىلەنگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نامايىش بىلەن ئەيىبلەش ۋە پەلەستىندە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىققەتلەرنى تارتىش مەقسىتىدە نارازىلىق يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلگەن.

نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن پايتەختتىكى رادمانسگاتان مەيدانىدا جەم بولغان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا 3 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى.

«غەززەدە پۇقرالار ئۆلتۈرۈلمەكتە»، «مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلار بومباردىمان قىلىنماقتا»، «لىۋانغا قىلىنغان ھۇجۇملار توختىتىلسۇن»، ۋە «ئۇرۇش خالىمايمىز» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ چىققان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەگە قارشى شۇئارلارنى توۋلىدى. نامايىشچىلار، ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سىمۋول سۈپىتىدە 3 تابوت كۆتۈرۈپ ماڭدى.

 

«ئادەتتىكى كىشىلەر پىكىر ئۆزگەرتىشكە باشلىدى»

نامايىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن شۋېتسىيەلىك ئاكتىۋىست ئانىتا سالۋېن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا 3 يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىغا دائىم قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ چوڭ بىر ئىنسانىي پاجىئە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سالۋېن، يەنە مۇنداق دېدى:

«ئۇ يەردە ۋەھشىيلەرچە بىر قەتلىئام داۋاملاشماقتا. مەكتەپ يوق، سۇ يوق، يېمەكلىك يوق. كىشىلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتىن باشقا يەنە ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلماقتا. بۇ ناھايىتى دەھشەتلىك بىر نەرسە. بۇنىڭ مۇشۇ شەكىلدە داۋاملىشالىشى تولۇق مەنىدىن بىر پاجىئەدۇر. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى (بىنيامىن) نېتانياھۇ خەلقئارالىق سوت ئورگىنى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولۇشىغا قارىماي پۈتكۈل بۇ ئىشلارنىڭ تېخىچە داۋاملىشىشى غەرب دۇنياسىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ قىلمىشىدۇر.»

سالۋېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بائومۇممىي كېڭىشىدىكى نارازىلىقلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «نېتانياھۇ ب د ت دە سۆز قىلىۋاتقاندا نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ زالدىن چىقىپ كېتىشى مۇھىم بىر پوزىتسىيە ئىدى. بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر پەلەستىننى قوللىماقتا. بىر يىل بۇرۇن ئىسرائىلىيەنى قوللىغان نۇرغۇن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ "ئەمدى بۇ قەدەر يەتتىمۇ؟ يەتتى" دەپ پىكىر ئۆزگەرتكەنلىكلىرىنى كۆرۈۋاتىمەن» دېدى.

شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلەگەن سالۋېن: «ئەڭ يامىنىمۇ بىز ياشاۋاتقان دۆلەت بولغان شۋېتسىيەنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارە ئەيىبلىمەسلىكىدۇر. بۇ ئەھۋال پۈتكۈل غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئورتاق بولسىمۇ، شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن نومۇس قىلارلىق بىر پاجىئەدۇر» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى