غەززە ئۇرۇشى
4 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتچىسى خرىستىيان لىندمېيېر ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدە ۋەيران بولغان بىر سەھىيە سىستېمىسى ۋەزىيىتىگە كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

لىندمېيېر ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ھۇجۇملارنى ئۈزۈبلدۈرمەي قىلىۋاتقان ۋە قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇۋاتقان غەززەدىكى سەھىيە ۋەزىيىتىىڭ يېتىپ كەلگەن ھازىرقى نۇقتىسىغا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا غەززە رايونىدا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلىك ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان داۋالاشلار ئۈچۈن ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىنىڭلا سىرتقا يۆتكىلىشىگە ئېھتىياج تۇغۇلىدىغان بىر سەھىيە سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان لىندمېيېر تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلدى:

«غەززەدە تەربىيەلەنگەن يۇقىرى نىسبەتتىكى ئادەم كۈچىگە، يەنى شىپاكار ۋە دوختۇرلارغا ئىگە بولغان، مائارىپ مۇلازىمەتلىرى كەڭ كۆلەمدە سۇنۇلغان ۋە مەسىلەن 90% تىن يۇقىرى يۇقىرى ئوكۇل ئۇرۇش نىسبەتلىرىگە ئىگە بىر سىستېمىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن ۋەيران بولغان بىر سەھىيە سىستېمىسى ۋەزىيىتىگ ئۆتۈلدى. نۆۋەتتە ياردەمگە مۇھتاج تەخمىنەن 2 مىليون 100 مىڭ ئادەم بار. 36 دوختۇرخانىدىن پەقەت 19ىلا قىسمەن خىزمەت قىلالايدۇ. باشقىلىرى بولسا پۈتۈنلەي ئىشتىن توختاپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. شۇڭلاشقا غەززەدە نۆۋەتتە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرەرمۇ دوختۇرخانا يوق.»

لىندمېيېر ياردەمگە مۇھتاج 2 مىليون 100 مىڭ ئادەم ئۈچۈن پەقەت 3 مىڭچە كارىۋات سىغىمچانلىقىنىڭ بارلىقىنى، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەھۋالدىكى تەخمىنەن 100 جىددىي قۇتقۇزۇش كارىۋاتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

تەخمىنەن 120 كارىۋاتلىق بىر تۇغۇت بۆلۈمى سىغىمچانلىقىنىڭ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان لىندمېيېر: «نەتىجىدە سىستېما ۋەيران بولغان ئەھۋالدا ۋە بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق، چۈنكى غەززە بىر ۋاقىتلاردا ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلىدىغان بىر سەھىيە سىستېمىسىغا ئىگە ئىدى» دېدى.

لىندمېيېر غەززەدىكى كېسەللەرگە، بالىلارغا، ئانىلىرىغا، دادىلىرىغا ۋە ئاساسەن ھېچكىمگە ئېھتىياجلىق بولغان ياردەمنى يەتكۈزەلمەيۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ياردەم يەتكۈزۈش جەھەتتە بىر قانچە مەسىلىنىڭ بارلىقى تەرەپكە ئىشارەت قىلغان لىندمېيېر، تۆۋەندىكىلەرنى ئورتاقلاشتى:

«ھەممىدىن بۇرۇن ۋەيران بولغان بىر سىستېما ۋە يوللار بىلەن بىرگە رەسمىيەت تەستىقلاش جەريانىدا ئېغىر توسالغۇلار مەۋجۇت. نۆۋەتتە بىر يۈك ئوبوروتىنىڭ (ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن) تەستىقلىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 74 كۈن، يەنى 2 يېرىم ئاي كېتىدۇ. تەستىق چىققاندىن كېيىنمۇ يۈك ئوبوروتىنىڭ يۈكلىنىشى، چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈلۈپ غەززەگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئۇ يەردىنمۇ ئېھتىياج تۇغۇلغان رايونلارغا توشۇلىشى كېرەك. ئەگەر تەستىق چىقمىسا جەرياننى ئەڭ بېشىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىمىز. يەنى ئوخشاش تەستىق ئۈچۈن ئىككىنچى بىر قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نامىدىن يەنە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 74 كۈنگە ئېھتىياجىمىز بولىدۇ.»

لىندمېيېر كىچىك دورا بوغچىلىرىنىڭ تەستىقلاش جەريانىنىڭ تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقىنى ۋە رەت قىلىنىش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تېخىمۇ چوڭ ئۈسكۈنىلەر ۋە تەجرىبىخانا ئەسۋابلىرىنىڭ كىرىشىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك تەستىقلانمايدىغانلىقىنى ياكى تەستىقلاش جەريانىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى لىندمېيېر: «تەجرىبىخانا ئەسۋابلىرىڭىز بولمىسا كېسەللىك بايقاش ئېلىپ بارالمايسىز. بىر يۇقۇملۇق كېسەللىك ياكى كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ باشلانغان-باشلانمىغانلىقىنى سىناپ بېكىتەلمەيسىز. سۇنۇپ كەتكەن بىر سۆڭەك ياكى ئىچكى قاناش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۈچۈن كۆرۈنۈش ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېھتىياج تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۈسكۈنىڭىز بولمىسا كېسەل ئازاب تارتىشى مۇمكىن، ھەتتا غەززە سىرتىدا ئاددىي بىر مۇداخىلە بىلەن ئاسانلا ھەل بولىدىغان بىر مەسىلە سەۋەبىدىنمۇ ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئەڭ چوڭ مەسىلە» دېدى.

غەززەگە كىرىشتە ئىجارە يۈك ماشىنىلىرى ۋە كونتېينېر (ساندۇق) سانلىرىغا قارىلىدىغانلىقىنى، لىگىن بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كىملەرگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنىڭ ئۇنچە كۆپ نەزەرگە ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لىندمېيېر، تېبابەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرى ياكى زاپچاسلارنىڭ كېچىكىشى بىلەن بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشىنىڭ يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ بىھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياردەم يۈك ماشىنىلىرى غەززەگە كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىدا ۋەيران بولغان يوللار، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارغا ئوخشاش توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن لىندمېيېر، ياردەملەر غەززەگە كىرەلىگەن تەقدىردىمۇ، تېخى كېسەلگە يېتىپ بارغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لىندمېيېر غەززەدىكى يېقىلغۇ كەمچىللىكىنىڭ سەھىيە سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەممىدىن بۇرۇن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن يېقىلغۇغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

 

«غەززە، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي گېنېراتورلارغا، يەنى زاپاس كۈچ مەنبەلىرىگە تايانغان ھالدا قاندۇرماقتا»

توقۇنۇشلارنىڭ ئىنتايىن بۇرۇنقى بىر باسقۇچىدا توك لىنىيەلىرىنىڭ ئۈزۈۋىتىلگەنلىكىنى ئەسلەتكەن لىندمېيېر، تۆۋەندىكى باھالالاشلاردا بولدى:

«غەززە، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي گېنېراتورلارغا، يەنى زاپاس كۈچ مەنبەلىرىگە تايانغان ھالدا قاندۇرماقتا. بىر دوختۇرخانىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ھالىتىنى داۋاملاشتۇرالشى، يەنى ئوپېراتسىيەخانىلار، تۇغۇتخانىلار ۋە كۆرۈنۈش ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى خىزمەت قىلدۇرالشى، بىنالارنى يورۇتۇشى ۋە دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيەلەرنى بېشىدىكى چىراغ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي بىر يورۇتۇش ئاستىدا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا يېقىلغۇغا ئېھتىياجى باردۇر. يېقىلغۇڭىز بولمىسا بۇ سىستېمىلارنى خىزمەت قىلدۇرالمايسىز.»

لىندمېيېر غەززەدە يېقىلغۇ بولمىغاندا پاكىز سۇغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئېھتىياج تۇغۇلغان نۇرغۇن سايمانلارنىڭ خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

غەززەدىكى تۈگۈن نۇقتىلىرىدىن بىرىنىڭمۇ تېبابەتچىلىك جەھەتتىن كۆچۈرۈش (يۆتكەپ داۋالاش) لەر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان لىندمېيېر، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان تەخمىنەن 14 مىڭ كېسەلنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى مۇمكىن قىلغان ھەممە كىشىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

لىندمېيېر: «تېخى كۆچۈرۈلۈشنى كۈتۈۋاتقان ۋە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مىڭلىغان كىشىلەر بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەھۋالى ئېغىر بولغان بەزى كېسەللەر كۆچۈرۈلەلمەۋاتىدۇ» دېدى.

غەززەدىكى سەھىيە سىستېمىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلغان لىندمېيېر: «ئەتە تىنچلىق ھاسىل قىلىنسا ۋە ئىشقا دەل ئەتە باشلىساقمۇ ھەممە نەرسىنىڭ قايتىدىن ئۆز يولىغا چۈشىشى ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلىدۇ» دېدى.

 

ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ئارمىيەگە غەززەدە تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بەردى
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق