تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئامېرىكا مەركەزلىك ئاخبارات ئورگىنى CNN، ئىستانبۇل ئايدورۇمىنىڭ لوندون ھېترو (Heathrow) نى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئۇلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايرودورۇم ئۇنۋانىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى باش بەتتە خەۋەر قىلدى.
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
CNN: ئىستانبۇل ئاۋىياتسىيە پورتى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا / TRT Haber

CNN نىڭ ژۇرنىلىستى ماورى يازغان ماقالىدە، ئىستانبۇل ئايرودورۇمىنىڭ يەرشارىۋى ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ئالدىنى توسۇپ بولمايدىغان ئۆرلەش سۈرئىتىنى تەھلىل قىلىندى. ماقالىدە، ئىستانبۇل ئايرودورۇمىنىڭ غايەت چوڭلۇقى، تۈرك ھاۋا يوللىرى (THY) شىركىتىنىڭ يەرشارىۋى ئۇچۇش تورى ۋە ياۋروپادىكى رەقىبلىرىگە قارشى ئىگە بولغان مەشغۇلات ئەركىنلىكى تەكىتلەندى.

ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي يىپەك يولىدىن بۇيان ھەمىشە ئاچقۇچلۇق سودا مەركىزى بولغانلىقىغا تەكىتلەپ، 21-ئەسىردە ئىستانبۇل ئايرودورۇمىنىڭ ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرشارىۋى سەياھەت سانلىق مەلۇمات تەمىنلىگۈچىسى OAG تەييارلىغان «Megahubs 2026» كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندون ھېترونى ئارقىدا قالدۇرۇپ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئۇلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايدورۇمغا ئايلانغان.

تىزىملىكتە ئامستېردام شىپخول ئۈچىنچى، كۇالا لۇمپۇر تۆتىنچى ۋە چىكاگو  بەشىنچى ئورۇننى ئالدى.

مانخاتتەندىنمۇ چوڭ بىر مەيدان

ماورى ماقالىسىدە، 2018-يىلى ئېچىلغان 12 مىليارد دوللارلىق ئيرودورۇمنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك بىر سۈرئەتكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر تۇتاش 1 مىليون 400 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق تېرمىنالنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكى، 76 مىليون 500 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئومۇمىي مەيداننىڭ بولسا مانخاتتەندىنمۇ چوڭ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ھەر يىلى 84 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىستانبۇل ئايرودورۇمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنىڭ، سىغىمچانلىقىنى يىلىغا 200 مىليون يولۇچىغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار ئورتاقلاشتى.

 

كەلگۈسى يىللاردا رەقىبسىز قالىدۇ

ماقالىدە قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن OAG باش ئانالىستى جون گرانت ئىستانبۇل ئيرودورۇمىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا  ئىكەنلىكىنى ۋە ئىگە بولغان ئۇچۇش يولى (پىست) سىغىمچانلىقى، تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلارغا يېقىنلىقى سايىسىدا كەلگۈسى يىللاردا رەقىبسىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جون گرانت ئىستانبۇل ئايرودورۇمى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) نىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتىنىڭ يەرشارىۋى بىر ئاۋىياتسىيە مەركىزى سۈپىتىدە بەرپا قىلغان ئورنىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 350 نۇقتىغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ چوڭىيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ئارمىيەگە غەززەدە تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بەردى
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق