خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران دۆلەت بىخەتەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد باقىر زۇلقەدر، ئاخىرقى ئالتە كۈندىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك يىغىلىشلارنىڭ خەلقنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەلەپلىرىنى تىزىپ چىقتى.
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران، ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى / reuters

مۇھەممەد باقىر زۇلقەدر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ قاتناشقا ئېچىلىشى ئۈچۈن ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىغا ئالتە ماددىلىق شەرتلەر تىزىملىكىنى سۇندى.

شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاخىرقى ئالتە كۈندە دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشلارنىڭ خەلقنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن زۇلقەدر، ئامېرىكا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، شەرتلەر ئورۇندالغانغا قەدەر بوغۇزنىڭ تاقاقلىق قېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىراننىڭ چىڭ تۇرۇۋاتقان ئالتە ئاساسىي تەلىپى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 

1 - تەھدىتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى: ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرىگە قارىتىلغان تەھدىتلەرنىڭ ۋە دۈشمەنلەرچە سۆزلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشى.

2 - ھەربىي مەشغۇلاتلارنىڭ توختىتىلىشى: ئىرانغا ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتىلغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دائىمىي ئاساستا ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى.

3 - ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ چېكىنىشى: ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قامالنىڭ ئارقىسىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ۋە ھاۋا قىسىملىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى.

4 - تولۇقلىما تۆلەپ بېرىلىشى: يېقىنقى دەۋردىكى توقۇنۇشلاردا ئىراننىڭ ئۇچرىغان زىيانلىرىنىڭ تۆلىنىشى.

5 - ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى: ئىرانغا قارىتىلغان ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى.

6  - مۈلكلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى: چەت ئەللەردە توڭلىتىپ قويۇلغان ئىران مۈلكلىرىنىڭ قويۇپ قويۇپ بېرىلىشى.

 

زۇلقەدر، دۆلەت بىخەتەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ مەيلى ئۇرۇشتا ياكى سۆھبەت ئۈستىلىدە بولسۇن بۇ تەلەپلەردىن قەتئىي يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئەھۋاللار ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى سودا قاتناشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بىر دەۋرىگە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاكىستان ۋە قاتارنىڭ ۋاستىچىلىقىدا 18-ئىيۇندا ئىمزالانغان ئورتاق كېلىشىم بىلەن توقۇنۇشلار توختىتىلغان ۋە سودىنىڭ باسقۇچلار بويىچە قايتىدىن باشلىنىشى مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئەمما تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى كېلىشىم شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى سەۋەبىدىن مۇساپە توختاپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UAE condemns Iranian attack on its tanker as Tehran, Muscat near Hormuz deal
ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى