خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ۋە بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى پىلانلاۋاتقانلىقى غا ئىستىخباراتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە / Anadolu Agency (Wire)

«İsrail Hayom» گېزىتىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئىسرائىلىيەلىك ۋە ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، موسسادنىڭ، ئىراننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ۋە بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋاسىغا ئالاقىدار ئىستىخباراتنىڭ باشقا بىر غەرب ئىستىخبارات ئورگىنى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەمەلدارلار، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ موسسادنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا يەتكۈزگەن ئىستىخباراتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا يەتكۈزگەن ئىستىخباراتىنىڭ پارتلاتقۇچ قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەمەلدارلار، بۇ خىل ئۇسۇلغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەنئەنىۋى تەدبىرلەر بىلەن قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

 تىرامپنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى دېگەن دەۋا موسسادنىڭ ئىستىخبارات ھەمبەھرىلىشىدىن كېيىن خەتەر ئاستىدا دەپ قارالغان ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئوچۇق ھاۋا پائالىيەتلىرىدىكى ئاممىۋى كۆرۈنۈشلىرىنى كەسكىن ئازايتقانلىقى ۋە بىر قانچىسىنىڭ بولسا ۋاقىتلىق ئۆيلىرىدىن چىقىرىلىپ بىخەتەر ئەسلىھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى دەۋا قىلىندى.

ئەمەلدارلار تىرامپنىڭ ئاممىۋى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئارىلىق سايلاملاردىن بۇرۇن ئوچۇق مەيدانلاردا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئەمدى كەسكىن ئازايتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قاتناشقان پائالىيەتلەر جەريانىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەھدىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئالاھىدە سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى شەخس خەزىنە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت بىلەن بىر كېلىشىمگە قارشى چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيودىن سىرت، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېتنىڭمۇ ھەربىي بازىغا يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىستىخبارات ئورگىنى موسسادنىڭ مۇدىرى رومان گوفمان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىرانغا قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇملارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا بارغان ئىدى. بۇ زىيارەتنىڭ، ۋاقىتلىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلاش مەسىلىسىدە تىرامپقا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئەمەلگە ئاشقانلىقى دىققەتنى تارتقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
كونگودا ئېبولا يۇقۇمى سەۋەبىدىن 6 ئاي ئىچىدە 5 مىڭ كىشى قازا قىلدى
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى