خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
امېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، نۆۋەتچى ئەسكەر تەرىپىدىن «جىم بولۇش» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى / AFP (Wire)

ئارلىڭتون مىللىي قەبرىستانلىقىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى خاتىرىلەش بايرىمى مۇراسىمىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش جەريانىدا شاۋقۇن چىقارغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، نۆۋەتچى ئەسكەر تەرىپىدىن «جىم بولۇش» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

مۇراسىمدىن كېيىن نامەلۇم ئەسكەر خاتىرە مۇنارى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن خېگسېت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەردىن ئايرىلىۋېتىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈپ پاراڭلاشقاچقا، خاتىرە مۇنارىدىكى نۆۋەتچى ئەسكەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

گۇرۇپپىدىن كۆتۈرۈلگەن قاقاقلاپ كۈلۈش ئاۋازلىرىنىڭ ئارقىدىنلا نۆۋەتچى ئەسكەرنىڭ، «بارلىق زىيارەتچىلەر ھەر ۋاقىت جىمجىتلىقنى ۋە ھۆرمەت كەيپىياتىنى ساقلىشى كېرەك» دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشى كامېرالاردا كۆرۈلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك خېگسېت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نۇرغۇن تورداشلار، ھەربىي بىر خاتىرە مۇنارى يېنىدا ھەممە ئادەمنىڭ تېخىمۇ ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ