تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. / TRT Global

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىغىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ تۆھپە قوشىدۇ» دېدى.

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار خىتاي بىلەن تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى كۆزدە تۇتقان ھەمكارلىق دائىرىسىدە، جەمئىي 7 مىڭ مېگاۋاتلىق قۇياش ۋە شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى، يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىلىرى ۋە 4 مىڭ مېگاۋاتلىق توك يەتكۈزۈش ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئېكس (X) بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى 31-قېتىملىق تەرەپلەر يىغىنى (COP31) دائىرىسىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن ئىمزالانغان ئۆزئارا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ھەققىدە توختالدى.

مىنىستىر ئالپئارسلان بايراقتار مۇنداق دېدى: «COP31 يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن ‹قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا دائىر ئۆزئارا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى› ئىمزالاندى. دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىق غايەت زور مەبلەغ سېلىشنى كۆزدە تۇتقان بۇ كېلىشىم ئارقىلىق، جەمئىي 7 مىڭ مېگاۋاتلىق قۇياش ۋە شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىلىرى ۋە 4 مىڭ مېگاۋاتلىق توك يەتكۈزۈش ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

مەزكۇر ھەمكارلىقنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىغىمىنى كېڭەيتىشتىن تاشقىرى، يەنە تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالپئارسلان بايراقتار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەمكارلىق پەقەت قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىغىمىمىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق شامال تۇربىنىسى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ياسىلىشىغا ۋە يەرلىك سانائىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. ‹2040 مىللىي ئېنېرگىيە› نىشانىمىزغا ئاساسەن، ئېنېرگىيە تەمىنلەش بىخەتەرلىكىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىمىزنى تېزلىتىدىغان بۇ تارىخىي كېلىشىمنىڭ دۆلەتلىرىمىز ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ