تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى تەخمىنەن بىر يېرىم يىلدىن بۇيان كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان يېڭى ئۆتۈش نۇقتىلىرىنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسىدە چەكلىك دەرىجىدە بىر ئىلگىرىلەش قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەۋسىيە
كەچەلى، X ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئىككى رەھبەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئوتتۇرىسىدا پىلانلانغان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتتە، ئۆتۈش نۇقتىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق ساھەلىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈشى، قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ مۇرەسسەسىز پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.





















