لىخاچېۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسدىكى خىزمەتلەر ئۈستىدە توختالدى.
بوشېھريادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا مۇتەخەسسىسلەرنى قايتا ئەۋەتىش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن لىخاچېۋ: «ئىنژېنېرلىق ۋە تېخنىكىلىق خادىملاردىن دەسلەپكى 5 كىشى رايونغا يېتىپ باردى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە باشلىدى» دېدى.
لىخاچېۋ، ئىستانسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانىنىڭ 25 كە يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ساننى 100 گە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىلگىرى ئىراندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئىمكان قەدەر ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا ئەۋەتىشنى نىشانلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان لىخاچېۋ، خادىملار سانىنىڭ ئىلگىرىكى سەۋىيەسىگە تولۇق يەتكۈزۈلىشىنىڭ بولسا ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ۋە ئىران بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىملەرنىڭ ئېنىقلىشىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسدا رۇسىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن قۇرۇلۇۋاتقان 2 - ۋە 3-نومۇرلۇق يېڭى ئېنېرگىيە بۆلۈملىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن لىخاچېۋ، ئاساسىي ۋە ياردەمچى بىنالارنىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
روسئاتوم ھەربىي خەۋپلەر سەۋەبىدىن بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملىرىنى كوللىكتىپ ھالدا ئەرمېنىيە ئارقىلىق ئىراندىن تارقاقلاشتۇرغان ئىدى.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى ئىستانسىدا 639 نەپەر روسئاتوم خادىمى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.
















