خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
ھاقچىلار، «Salsa on St. Clair» فېستىۋالى يېقىنلىرىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، گۇماندارنى قوغلاپ تۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى / AP

تورونتو ساقچى دائىرلىرى، دۇكانلار ۋە ئاشخانىلار جايلاشقان بىر رايوندا ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۈچ كىشىنى يارىلاندۇرغان، بىر قوراللىق ھۇجۇمچىنى تۇتۇش ئۈچۈن قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتى باشلىدى.

تورونتو ساقچى ئىدارىسىنىڭ X سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا: «مەرھەمەت قىلىپ رايوندىن دەرھال يىراق تۇرۇڭلار ۋە ھاقچىلارنىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

مەسئۇللار كېيىنچە ئېلان قىلغان يەنە بىر ئۇچۇرىدا: «ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى» دېدى.

يەرلىك تاراتقۇلار، قوراللىق ھۇجۇمنىڭ بىر سالسا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان رايوندا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

تورونتو ساچى ئدائىرلىرى، «Salsa on St. Clair» فېستىۋالى داۋاملىشىۋاتقان سانت كلاير كوچىسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئارلىڭتون كوچىسى يېقىنلىرىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئوق تەككەن بەش كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەسئۇللار دەسلەپتە ۋەقەگە مۇداخىلە قىلىش جەريانىدا ئاممىنى رايوندىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى. ساقچىلاركېيىنچە ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈلگەنلكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، گۇماندارلار ياكى قولغا ئېلىنغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

رايونغا نۇرغۇن ساندا  ساقچى كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«Salsa in Toronto»  فېستىۋالى لاتىن ئامېرىكاسى ئۇسلۇبىدىكى بىر مەدەنىيەت قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ۋەقە ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا مونرېئالدا يۈز بەرگەن ۋە بىر ساقچى خادىمىنى قوشقاندا ئىككى كىشى قازا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىن يۈز بەردى.

فېۋرال ئېيىدا، غەربتىكى كىچىك بىر كان شەھىرى بولغان تۇمبلېر رىجدا يۈز بەرگەن مەكتەپ ھۇجۇمىدا، ھۇجۇمچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئانىسى ۋە ئۆگەي قېرىندىشىنىمۇ قوشقاندا قەمئىي سەككىز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 27 كىشىنى يارىلاندۇرغان ئىدى.

شەنبە كۈنى تورونتودىكى بىر كوچا فېستىۋالىنىڭ يېقىنىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۈچ كىشى يارىلاندى. ۋەقە تۈپەيلىدىن ساقچىلار دەسلەپتە بىر ھۇجۇمچىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى، كېيىنچە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تەقدىرىنى پەقەت تېھراننىڭلا بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەردى
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى
«ئاي يۇلتۇز» باش ئىشتابى دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن ئاچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: مۇداپىئە نىشانلىرىمىزغا پىلاندىن بەش يىل بۇرۇن يېتىمىز
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ناتو رەھبەرلىرى بۈگۈن شىمالىي قۇتۇپ رايونى، ئىران ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
ماگيار: ۋېنگىرىيە ئۇكرائىناغا قورال ياكى ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى