مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، فىدان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ناتو كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى جىن شاھىن، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى كىرىستوفېر كۇنس، دىك دۇربىن... قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكا پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى ناتو باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا؛ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە چەت ئەللىك كەسىپداشلىرىدىن سىرت، يەنە ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.
مەنبەلەر يەنە فىداننىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى بىلەن چاتام ھاۋس تەرىپىدىن ئەنقەرەدە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىنكى ياۋروپا بىخەتەرلىكى: ياۋروپا مىقياسىدا ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» تېمىلىق پائالىيەتتە سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى فىدان، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدىكى سۈركىلىشلەرنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ترامپ ئۈچۈن بىر ئىشەنچ ۋە دوستلۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ دوستلۇقنى تېخىمۇ چوڭ بىر خەيرلىك ئىش ئۈچۈن ۋە پۈتكۈل ناتو ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق يوسۇندا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

















