ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى پېتېر ماگيار يىغىندىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ۋېنگىر خەلقىنىڭ «ناتونىڭ كۈچىگە ۋە ئىتتىپاقلىقى»غا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
پېتېر ماگيار: «ناتونىڭ ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بولۇشى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، بىز ۋېنگىرىيەنى ئىشەنچلىك بىر ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە قايتا تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرىمىز» دېدى ھەمدە ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇش قارارى ئالغانلىقىنى، 2035-يىلىغىچە 5 پىرسەنتلىك نىشانغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغان ماگيار مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، رۇسىيە بولسا زالىم تاجاۋۇزچىدۇر؛ ئۇكرائىنا ئۆز زېمىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە. بىز ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئەمما ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمىزدەك، ۋېنگىرىيە ئۇكرائىناغا قورال ياكى ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ.»
ماگيار ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەن قىسقا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

















