ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندىرى سىبىھا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنانىڭ يېقىنقى كۈنلەردە شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ يېڭى تېررورلۇق دولقۇنىغا جاۋابەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىن ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى» دېدى.
ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 7-ئۆكتەبىردە پىرىلۇكى شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، تۈنۈگۈن كراماتورسكى شەھىرىدە ئىككى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. پايتەخت كىيېۋغىمۇ ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان سىبىھا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە 78 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە 215 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ: «جەڭ مەيدانىدا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇرۇش جىنايەتچىسى پۇتىن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان تېررورلۇقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دېدى.
رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىللىكىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن سىبىھا مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا سادىق قېلىپ، رۇسىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا كونكرېت ۋە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»


















