ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەلىك ئەزاسى رىما ھەسەن سىتراسبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا تۇرغان بىر ئىسرائىلىيە بايرىقىنى ئېلىۋەتكەن ئەسنادا، بۇ ھەرىكىتىنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ۋە ئورگانلارنىڭ «قوش ئۆلچەملىرى» گە قارىتىلغان بىۋاسىتە بىر نارازىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋەقە، دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتى (AJC) نىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرىي رەسمىي بىر پائالىيەت جەريانىدا يۈز بەردى.
ھەسەن يىغىندا كۆرگەزمە قىلىنغان زىبۇزىننەتلەرنىڭ ئۈستىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇقىم دىپلوماتىك رامكىسىغا پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئىسرائىلىيەنى غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆرسىتىدىغان خەرىتلەرنىڭ بارلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.
ھەسەن ئىسرائىلىيەلىك سەنئەتكار يارون بۆبنىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش جەريانىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، «پەلەستىن دېگەن بىر يەر يوق. مۈڭگۈزلۈك ئات (unicorn) لارغا ئوخشاش بىر خىيالىي مەھسۇلات... نە پەلەستىنلىك مۇساپىرلار بار، نە پەلەستىنلىكلەر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشى ئۈستىگە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھەسەن، X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «ئۇ يەردىن ئايرىلىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە بايرىقىنى ئورنىدىن چىقىرىۋەتتىم. بۇ ھەرىكىتىم، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ۋە بۇ ئاخىرلاشمايۋاتقان ۋە چىدىغىلى بولمايدىغان قوش ئۆلچەمگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسىەت قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ھەسەن، ياۋروپا پارلامېنتى رايونىدا بىر رۇس بايرىقىغا ھەرگىزمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يەردە دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بار بولۇشىغا قارىماي «تولۇق جازاسىز قېلىش» ئەھۋالىدىن مەنپەئەتلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.















