ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى «چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم» تەييارلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئۇكرائىنا خەلقىنى ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
زېلېنسكىي كەچلىك سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ ھۇجۇم تەييارلىقلىرىغا دائىر يېقىنقى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە باشقا قىسىملارنىڭ بولسا «مۇداپىئە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە» قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ۋولودىمىر زېلېنسكىي: «شۇنداقلا نۇرغۇن ئىشلار شېرىكلىرىمىزگە، يەنى بىزگە لازىملىق مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ۋە بۇلارنى بىزگە تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە باغلىق. بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا تەرەپتىن بۇنى قىلىش يۆنىلىشىدە سىياسىي ئىرادە تىكلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
موسكۋادىن چەتئەللىكلەرگە كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە چەتئەللىكلەرگە كىيېۋدىن ئايرىلىش ۋە ئۇكرائىناغا سەپەر قىلىشتىن يىراق تۇرۇش چاقىرىقى قىلغان ئىدى.
مىنىستىرلىق موسكۋانىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىدىكى ھەربىي نىشانلارغا قارىتىلغان «چوڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى» داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ روسىيە پۇقرالار نوپۇسىغا ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە قارىتا بىر جاۋاب خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى.
كرېمىل باياناتچىسى دىمىترى پېسكوف دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىيېۋنى روسىيەنىڭ «پۇقرالار ئىقتىسادى» غا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىش بىلەن ئەيىبلەپ، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
پېسكوف: «قوراللىق قىسىملىرىمىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشى، بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىشتۇر. ئۇكرائىنا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەك ۋە جەزمەن تۆلەيدۇ» دېدى.
















