خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
روسئاتوم: «قارا دېڭىزدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئوچرىغان كونتېينېر پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى»
روسىيە دۆلەت يادرو ئېنېرگىيە ئورگىنى وسئاتوم غا قاراشلىق FESCO شىركىتىنىڭ كونتېينېر پاراخوتى «يىئانىنا» نىڭ قارا دېڭىزدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئوچرىغاندىن كېيىن چۆكۈپ كەتكەنلىكى ۋە 17 اراخوت خادىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
روسئاتوم: «قارا دېڭىزدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئوچرىغان كونتېينېر پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى»
روسئاتوم: «قارا دېڭىزدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئوچرىغان كونتېينېر پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى»

روسئاتوم باش مۇدىرى ئالېكسېي لىخاچېۋ ئېلان قىلغان باياناتىدا، كونتېينېر پاراخوتى «يىئانىنا» غا قىلىنغان ھۇجۇمغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ھەمبەھىرلىدى.

پاراخوتقا قارا دېڭىزدا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن لىخاچېۋ: «پاراخوت خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە توڭلىتىلغان يېمەك-ئىچمەك بىلەن قۇرۇلۇش ۋە بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىغا ئوخشاش پۇقراۋى ماللارنى توشۇۋاتقان ئىدى. بۇ ھۇجۇمنى دېڭىز قاراقچىلىقىدىن باشقا نەرسە بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ» دېدى.

لىخاچېۋ چۆكۈشكە باشلىغان پاراخوتنى ئۆلچەملىك ھالدا تەرك ئەتكەن 17 كىشىلىك پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پاراخوت خادىملىرىدىن 16 كىشىنىڭ مىسىر پۇقراسى بولغان بىر كاپىتان باشقۇرۇشىدىكى «دېلفىنۇس» پاراخوتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لىخاچېۋ، ئەڭ ئاخىرقى خادىمنىڭ بولسا روسىيە قارا دېڭىز فلوتىغا قاراشلىق دېڭىز ئاۋىياتسىيە ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قىرغاققا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىي روسىيەدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بىلەن روسىيە بايرىقى قادالغان «يىئانىنا» ناملىق كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇملار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەخمىنەن 140 مېتىر ئۇزۇنلۇققا ۋە 22 مېتىر كەڭلىككە ئىگە «يىئانىنا» پاراخوتى 13 مىڭ توننا يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى.

روسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك پورتىغا تىزىملاتقان بۇ پاراخوت ھىندىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە نوۋوروسسىيسك ئوتتۇرىسىدىكى لىنىيەدە قاتنىماقتا ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 34 كە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن بىلەن بىر كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن قارسقا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
پاكىستاندا ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ساقچى يارىلاندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنادا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ترامپ: ئەنگلىيە شىمالىي دېڭىزنى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئاچىدۇ
گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى 3 كە يەتتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى