گىرېتسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى 3 كە يەتتى.
BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گىرېتسىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.
گىرىت ئارىلىدا ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، مورا يېرىم ئارىلىدا داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپىتىدىمۇ بىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مەزكۇر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جايىنىڭ ئەتراپىدا ھوشسىز ھالەتتە تېپىلغانلىقى ۋە كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئورمان ئوت ئاپەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان گىرىت ئارىلىدا، شىددەتلىك شامالنىڭ يالقۇنلارنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىشى سەۋەبىدىن 8 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.





















