تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە قاراشلىق ئالتۇنكۆۋرۈك يېزىسىدىكى ئالتۇنكۆۋرۈك شېھىتگاھلىقىنى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرىنى باشلىدى.
ئىراق تۈركمەن فرونتى ئالتۇنكۆۋرۈك ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى زەكى ئىبراھىم شەيخا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، يېزا مەركىزىدىكى ئالتۇنكۆۋرۈك قىرغىنچىلىقى شېھىتگاھلىقى ۋە خاتىرە مۇنارىدا باشلانغان رېمونت خىزمەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىگە رەھمەت ئېيتتى.
خاتىرە مۇنارىنىڭ ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، 2003-يىلى ياسالغانلىقىنى تىلغا ئالغان شەيخا، شۇندىن بۇيان ھېچقانداق رېمونت خىزمىتى ئىشلەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركمەنلەر ئۈچۈن شېھىتگاھلىقنىڭ ناھايىتى زور مەنىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان شەيخا: «شېھىتگاھلىق كۈندىن-كۈنگە كونىراپ كېتىۋاتاتتى. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى ساۋابلىق ئىش قىلىپ رېمونت خىزمىتىنى باشلىدى. ئالتۇنكۆۋرۈكلۈكلەر ۋە تۈركمەنلەر ئۈچۈن بۇ شېھىتگاھلىق ئىنتايىن قىممەتلىك» دېدى.
رېمونت خىزمىتى دائىرىسىدە شېھىتگاھلىقنىڭ ئەتراپىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئولتۇرۇش رايونلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە شېھىتلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان مەرمەر تاختىنىڭ خاتىرە مۇنارىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەيخا، بۇ خىزمەتكە تۆھپە قوشقان ئىراق تۈركمەن فرونتىغىمۇ رەھمەت ئېيتتى.
ئالتۇنكۆۋرۈك قىرغىنچىلىقى
ئىراقنىڭ سابىق رەھبىرى ساددام ھۈسەيىنگە قاراشلىق ئەسكەرلەر 1991-يىلى 28-مارتتا كەركۈكنىڭ 44 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان ئالتۇنكۆۋرۈك يېزىسىدا، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق تۈركمەننى قەتل قىلغان ئىدى.
تۈركمەنلەر ئالتۇنكۆۋرۈك يېزىسىدىكى شېھىتگاھلىقتا ھەر يىلى 28-مارت كۈنى مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ، قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىمەكتە.























