ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپ ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بۇرنھام بىلەن ئۆتكەن ھەپتە تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەندى بۇرنھامنىڭ ئۆزىگە «شىمالىي دېڭىزنى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئاچىدىغانلىقىنى» ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق خىزمەت ئىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بايانات بەردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بۇرنھام بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى تىلغا ئالغان ھالدا، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي دېڭىزنى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇرنھام بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ترامپ: «ئۇ ئىنتايىن ياخشى بىر گەپ قىلدى. شىمالىي دېڭىزدىكى نېفىت مەنبەلىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر بۇنى قىلسا، سىلەر باي بىر دۆلەتكە ئايلىنىسىلەر» دېدى.
ترامپ ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كېير ستارمېرغا بۇ چاقىرىقنى كۆپ قېتىم قىلغانلىقىنى، ئەمما ستارمېرنىڭ بۇ قەدەمنى باسىمىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.





















