ناتونىڭ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان مانېۋىرنىڭ بۇ يىل ئىتالىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 17 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، مانېۋىرنىڭ ناتونىڭ تەييارلىق ھالىتىنى ساقلاش، توسۇش ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىغا تۆھپە قوشىدىغان تەرتىپلەرنى سىناش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان پىلانلانغان دائىملىق مەشىق پائالىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ھەقىقىي قوراللار ئىشلىتىلمەيدىغان ۋە مانېۋىرنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى:
«ناتو مۇداپىئەنى نىشان قىلغان بىر ئىتتىپاقتۇر. بۇ مانېۋىر تىنچلىقنى ساقلاش، بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مانېۋىر شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىك ۋە قەتئىيلىك توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بېرىدۇ.»


















