تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «نېتانياھۇنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە رايوندا تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر» دېدى.
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا ئائىت بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى:

«غەززە تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئېشىش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان يول خەرىتىسى ئۈستىدە بىرلىككە كېلىنگەندىن كېيىنمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 30 دىن ئارتۇق پۇقرانى قەتلى قىلىشى ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى نىشانغا ئېلىشى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەر بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.

نېتانياھۇنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە رايوندا تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر. بۇ يۆنىلىشتە رايوندىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزىدىغان قەدەملەرنى ئېلىشتىن ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق مۇرەسسەچى دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن يانمايۋاتىدۇ.

ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەممىسىنى توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدىغان نېتانياھۇنىڭ كېڭەيمىچى ۋە مىلىتارىستىك چۈشەنچىسىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ قەتئىي، ئىشەنچلىك ۋە كۈچكە ئىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئەمدى بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى.

رايونىمىزنىڭ ۋە پەلەستىننىڭ ئامانلىققا ھەم گۈللىنىشكە ئېرىشىشىنى قوللايدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى ئورتاق مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا، خەلقئارا قانۇنغا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەتلەرگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 34 كە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن بىلەن بىر كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن قارسقا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
پاكىستاندا ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ساقچى يارىلاندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنادا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ترامپ: ئەنگلىيە شىمالىي دېڭىزنى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئاچىدۇ
گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى 3 كە يەتتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى