ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرىلەشمەكتە ۋە ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھاۋا مۇداپىئە ۋە مالىيە ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا دائىر ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، دىپلوماتلىرىنىڭ كىيېۋدا تۇرىۋېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا كومىتېتى باياناتچىسى ئانىتتا خىپپېر، بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى، كىيېۋدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ تەھدىتلەردىن ئامالسىزلىق پۇرىقى كەلمەكتە» دېدى.
خىپپېر: «رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە باشقا جايلاردا قورقۇنچ ۋە ېتىم قىلىشنى يارىتىشنى خالايدۇ، لېكىن ئۇچۇرىمىز ئېنىق: بۇ ئىشقا يارىمايدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاسنىڭ باياناتلىرىنى تەكرارلىغان خىپپېر، رۇسىيەنىڭ «مەيداندا ئۇتتۇرۇۋاتقانلىقىنى» ۋە يەنە بىر قېتىم پۇقرالارنى ۋە ھەربىي بولمىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
خىپپېر، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇكرائىنا، كىيېۋ خەلقى ۋە مەيداندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى ئۈچۈن «ئەپسۇسكى كۈندىلىك بىر رېئاللىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «پەرۋاسىز ھۇجۇملار» دەپ سۈپەتلىگەن رۇسىيە ھۇجۇملىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالار ۋە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ نىشانغا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
«تولۇق پەرۋاسىزلىق»
خىپپېر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى ئەھۋاللار سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ مۇۋەققەت ئىشلار ۋەكىلىنى تاشقى ئىشلارغا چاقىرغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.
باياناتچى ۋەقەنىڭ رۇسىيەنىڭ «تىنچلىققا قەتئىي قىزىقمايدىغانلىقىنى» ۋە داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قاراتقان «تولۇق پەرۋاسىزلىق» كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىپپېر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا قوشۇمچە ھاۋا مۇداپىئە ياردىمى ۋە مالىيە ياردىمى بىلەن مەدەت بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا رۇسىيە ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
رۇسىيە، دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي سانائىتى بىلەن ئالاقىدار ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان «سىستېمىلىق ھۇجۇملار» دىن بۇرۇن كىيېۋ ئاھالىلىرىگە، دىپلوماتلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، شەھەرنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» تاشلاپ چىقىپ كېتىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.
رۇسىيە رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى لۇھانسىك رايونىدا 21 كىشى ئۆلگەن ئۇكرائىنا ھۇجۇمى دەپ سۈپەتلىگەن ۋەقەدىن كېيىن، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى ۋە كوماندانلىق مەركەزلىرىنى نىشانلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئۇكرائىنا بولسا دەۋالارنى رەت قىلىپ، ئۇكرائىنا كۈچلىرىنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دائىرىسىدە پەقەت ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنىلا ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

















