تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئالەم تېخنىكىلىرىدا تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن شېرىكلىك قەدىمى تاشلىماقتا
تۈركىيە «ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋەتەن» ئىستراتېگىيەسى بىلەن يېڭى تۈرلەرگە مەركەزلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، قېرىنداش تۈرك دۆلەتلىرى بىلەنمۇ سۈنئىي ئىدراكتىن دىگىتال تېخنىكىلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ تۈرلىرىگىچە.. تۈرلۈك ساھەلەردە ئورتاق قەدەم تاشلىماقچى.
تۈركىيە ئالەم تېخنىكىلىرىدا تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن شېرىكلىك قەدىمى تاشلىماقتا
تۈركىيە ئالەم تېخنىكىلىرىدا تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن شېرىكلىك قەدىمى تاشلىماقتا

قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە 15-مايدا «سۈنئىي ئىدراك ۋە دىگىتال تەرەققىيات» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (TDT) نىڭ غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكىدىن قاتناش-ترانسپورتقىچە، سۈنئىي ئىدراكتىن دىگىتال ۋە ئالەم تېخنىكىلىرىغىچە نۇرغۇن مەسىلىلەردە قارارلار ماقۇللاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشقان باشلىقلار يىغىنىدا، سۈنئىي ئىدراك ۋە دىگىتال ئۆزگىرىشتىن باشقا، ئالەم تېمىسىمۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم مەسىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

بۇ دائىرىدە، ئالاھىدە قىلىپ ياشلار ۋە ئاياللارغا قاراتقان خىزمەتلەر بىلەن، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكا ساھەلىرىگە مەركەزلىشىپ، قەرەللىك تەربىيەلەش مۇنبەرلىرى، تېخنىكا، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى فېستىۋاللىرى بىلەن بىلىم ئالماشتۇرۇش پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

دىگىتال ساۋاتلىق بولۇش، سۈنئىي ئىدراك تەربىيەسى، ماھارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تالانتلارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى مەسىلىلىرىدە ئورتاق پىروگراممىلار ئارقىلىق ئىنسان كاپىتالنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەمكارلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكللىك ھاسىل قىلىندى.

ئورتاق سۈنئىي ھەمراھ سىناقلىرىغا مەركەزلەشتى

ئالەم بوشلۇقى پائالىيەتلىرى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

تەشكىلات تېخنىكىلىق شېرىكلىكلەرنى كۈچلەندۈرۈش، ئىلمىي ۋە ئىنسانىي بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە بىر گەۋدىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئورتاق تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ.

ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى نانو دەرىجىلىك CubeSat-12U تۈرى بولدى. ئىلمىي مەقسەتتە باشلانغان تۈردە سۈنئىي ھەمراھنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە يەر يۈزى سىناقلىرىغا مەركەزلەشتى. تەشكىلاتنىڭ ئاخىرقى باشلىقلار يىغىنىدا تۈردىكى تەرەققىيات باھالاندى. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىلىق كۈچى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن سۈنئىي ھەمراھنى بۇ يىل قويۇپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەتلەر قويۇقلاشتۇرۇلدى. تۈرنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئالەم نىشانلىرىغا يېڭى بىر ئۆلچەم ئېلىپ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي ئىدراك ۋە دىگىتال تېخنىكىلار ساھەسىدە تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قانۇنىي بىر رامكا يارىتىشمۇ نىشانلار ئارىسىدا ئورۇن ئالماقتا.

«ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋەتەن» چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن قەدەملەر

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنىمۇ باسقۇچلۇق تاشلاشنى پىلانلىماقتا.

بۇ دائىرىدە دۇنيا ئالەم ھەپتىلىكى، خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلتىيى ۋە باشقا يەر شارى خاراكتېرلىك مۇنبەرلەر رامكىسىدا، ئالەم قاتنىشى پەنلىرىدە كۆرۈنۈشچانلىقنى ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا تۈرك دۇنياسى ئالەم كۈنلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنماقتا.

پۈتۈن بۇ قەدەملەر قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ نىشانلىرىغا ئوخشاش تۈركىيەنىڭ «ئالەم  بوشلۇقىدىكى ۋەتەن» دېيىلىدىغان ئىستراتېگىيەسىنىمۇ قوللايدىغان ئەمەلىيەتلەر دەپ قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى