ۋېنېزۇئېلا دۆلەت مەجلىسى باشلىقى خورخې رودرىگېز ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 579 كىشى كۆپىيىپ 6 مىڭ 125 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا، 16 مىڭ 740 قا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ جەرياندا، ۋېنېزۇئېلا ۋاقىتلىق دۆلەت باشلىقى دېلسى رودرىگېز پايتەخت كاراكاستا قاتناشقان تۇرالغۇ ئۆي تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
يىل ئاخىرىغىچە 4 مىڭ ئائىلىگە 4 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رودرىگېز: «دېكابىر ئېيىغىچە تاپشۇرۇپ بېرىدىغان مەزكۇر 4 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيدىن سىرت، يېڭى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاش ئۈچۈن يەر تەكشۈرۈش خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز ۋە قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنى تازىلاۋاتىمىز. ئۈستىگە، بۇ سانغا نۆلدىن باشلاپ پىلانلايدىغان ۋە سالىدىغان يېڭى تۈرلىرىمىز كىرمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇ تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتىمىز، بۇ قوش يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان پۇقرالىرىمىزغا خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش، شۇنداقلا ئۇلارغا يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر. ۋاقىتلىق چېدىر شەھەرچىلەردە ۋە لاگېرلاردا قالغان ھەر بىر كىشىنىڭ، ھەر بىر بالىنىڭ ۋە ياشانغانلىرىمىزنىڭ يالغۇز قالدۇرۇلمىغانلىقىنى بىلىشىنى خالايمىز» دېدى.
ۋېنېزۇئېلادا ئىككى قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) 24-ئىيۇن ۋېنېزۇئېلادا 39 سېكۇنت ئارىلىق بىلەن 7.2 ۋە 7.5 بال كۈچلۈكلۈكتە ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلانى(UNDP) ئىشخانىسى 26-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددىي زىيىنىنىڭ 6.7 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



















